पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - उइगुर अनुवाद : मुहम्मद सालेह ।

تارىق

external-link copy
1 : 86

وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ

ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 86

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ

تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟[2] info
التفاسير:

external-link copy
3 : 86

ٱلنَّجۡمُ ٱلثَّاقِبُ

ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 86

إِن كُلُّ نَفۡسٖ لَّمَّا عَلَيۡهَا حَافِظٞ

ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 86

فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ مِمَّ خُلِقَ

ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 86

خُلِقَ مِن مَّآءٖ دَافِقٖ

ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 86

يَخۡرُجُ مِنۢ بَيۡنِ ٱلصُّلۡبِ وَٱلتَّرَآئِبِ

ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 86

إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجۡعِهِۦ لَقَادِرٞ

شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 86

يَوۡمَ تُبۡلَى ٱلسَّرَآئِرُ

سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)[9]، info
التفاسير:

external-link copy
10 : 86

فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٖ وَلَا نَاصِرٖ

ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 86

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجۡعِ

يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى[11]، info
التفاسير:

external-link copy
12 : 86

وَٱلۡأَرۡضِ ذَاتِ ٱلصَّدۡعِ

يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى[12]، info
التفاسير:

external-link copy
13 : 86

إِنَّهُۥ لَقَوۡلٞ فَصۡلٞ

قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر[13]، info
التفاسير:

external-link copy
14 : 86

وَمَا هُوَ بِٱلۡهَزۡلِ

ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر[14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 86

إِنَّهُمۡ يَكِيدُونَ كَيۡدٗا

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ[15]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 86

وَأَكِيدُ كَيۡدٗا

مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 86

فَمَهِّلِ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَمۡهِلۡهُمۡ رُوَيۡدَۢا

(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)[17]. info
التفاسير: