पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - पवित्र कुर्आनको संक्षिप्त व्याख्याको उइगुर भाषामा अनुवाद ।

رقم الصفحة:close

external-link copy
45 : 6

فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

كاپىرلار تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىلىش ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. جىمى ھەمدۇسانالار دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىپ، دوستلىرىغا ياردەم بەرگەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان، يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَخَذَ ٱللَّهُ سَمۡعَكُمۡ وَأَبۡصَٰرَكُمۡ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِهِۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ هُمۡ يَصۡدِفُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىڭلارنى تارتىۋېلىپ پاڭ قىلىپ قويسا، كۆرۈش ئىقتىدارىڭلارنى يوق قىلىۋېتىپ كور قىلىپ قويسا، قەلبىڭلارنى مۆھۈرلىۋېتىپ ھېچنەرسە چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ قويسا، سىلەر يوقاتقان بۇ نەرسىلەرنى راستىنلا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ ئۇلارغا دەلىل-پاكىتلارنى قانداق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىز، دەلىل-پاكىتلارنى خىلمۇ-خىل قىلغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇ دەلىل-پاكىتلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققىن. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ بَغۡتَةً أَوۡ جَهۡرَةً هَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار، مۇبادا ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەر بىخۇت ھالىتىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كەلسە ياكى ئوچۇق-ئاشكارا كەلسە، (سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟). چۈنكى پەقەت ئاللاھقا بولغان كۇپرىسى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن زالىم بولغانلارلا مۇشۇنداق ئازاب بىلەن جازالىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 6

وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۖ فَمَنۡ ءَامَنَ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

بىز قانداق بىر قەۋمگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمەكچى بولساق، پەقەتلا ئىمان ۋە ئىتائەت ئەھلىنى تۈگەپ كەتمەيدىغان ۋە ئۈزۈلۈپمۇ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتلەردىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان بېشارەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلارنى ۋە ئاسىيلارنى قاتتىق ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، ئەمىلىنى تۈزەتكەنلەرگە ئاخىرەتتىكى كەلگۈسىدىن قورقۇش، دۇنيا نېسىۋىلىرىدىن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا قايغۇرۇش ۋە ھەسرەت چېكىش بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 6

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَمَسُّهُمُ ٱلۡعَذَابُ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 6

قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە: مەندە ئاللاھنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بار، ئۇنى ئۆزۈم خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمەن دېمەيمەن، ئاللاھ مېنى خەۋەردار قىلغان ۋەھىيدىن باشقا غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن، يەنە: مەن پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. چۈنكى مەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەرمەن، پەقەت ئۆزۈمگە ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن، ئۆزۈمگە ئائىت بولمىغان نەرسىنى دەۋا قىلمايمەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى ھەقتىن كور بولغان كاپىر بىلەن ھەقىقەتنى كۆرۈپ، ئىمان ئېيتقان مۇئمىن باراۋەر بولامدۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەتراپىڭلاردىكى مۆجىزىلەرگە قاراپ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
51 : 6

وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىشتىن قورقىدىغانلارنى مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان نە بىر دوست، خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلەيدىغان نە بىر شاپائەتچى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادارلاردىن بولسۇن. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن مۇشۇنداق كىشىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 6

وَلَا تَطۡرُدِ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ مَا عَلَيۡكَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَمَا مِنۡ حِسَابِكَ عَلَيۡهِم مِّن شَيۡءٖ فَتَطۡرُدَهُمۡ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئىزچىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىدىغان كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى يېنىڭغا تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنى قوغلىمىغىن. بۇ كەمبەغەللەرنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئەگەر سەن ئۇلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتسەڭ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردىن بوپقالىسەن. info
التفاسير:
यस पृष्ठको अायतहरूका लाभहरूमध्येबाट:
• الأنبياء بشر، ليس لهم من خصائص الربوبية شيء البتة، ومهمَّتهم التبليغ، فهم لا يملكون تصرفًا في الكون، فلا يعلمون الغيب، ولا يملكون خزائن رزق ونحو ذلك.
پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنساندۇر، ئۇلاردا پەرۋەردىگارلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھېچ نەرسە يوق. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى يەتكۈزۈش بولۇپ، ئۇلار كائىناتنى تەسەررۇپىغا ئالالمايدۇ، غەيىبنى بىلمەيدۇ، رىزىقنىڭ خەزىنىلىرى قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىگە بولالمايدۇ. info

• اهتمام الداعية بأتباعه وخاصة أولئك الضعفاء الذين لا يبتغون سوى الحق، فعليه أن يقرِّبهم، ولا يقبل أن يبعدهم إرضاء للكفار.
دەۋەتچى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە، بولۇپمۇ ھەقتىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان ئاجىز كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇشى ۋە كاپىرلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى يىراقلاشتۇرماسلىقى لازىم. info

• إشارة الآية إلى أهمية العبادات التي تقع أول النهار وآخره.
بۇ ئايەت ئەتىگەن-ئاخشامدا قىلىدىغان ئىبادەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىشارەت قىلىدۇ. info