വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

مۇتەپپىپىن

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
تحذير المكذبين الظالمين من يوم القيامة وبشارة المؤمنين به.
قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەرگە خوش بىشارەت بېرىش. info

external-link copy
1 : 83

وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ

ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ھالاك بولسۇن ۋە زىيان تارتسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
2 : 83

ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ

ئۇلار باشقىلاردىن ئۆلچەپ ئالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق، قىلچە كەم قىلماي ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 83

وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ

باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغدا مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 83

أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ

مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرەپكە تىرىلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• التحذير من الغرور المانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقكە ئەگىشىشتىن چەكلەپ قويۇدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. info

• الجشع من الأخلاق الذميمة في التجار ولا يسلم منه إلا من يخاف الله.
سودا - سېتىقتىكى ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت ناچار خۇيلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق خۇيلاردىن پەقەت ئاللاھتىن قورققان كىشىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ. info

• تذكر هول القيامة من أعظم الروادع عن المعصية.
قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسىنى ئەسلەش گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن توسىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاسىتىدۇر. info

external-link copy
5 : 83

لِيَوۡمٍ عَظِيمٖ

بۈيۈك كۈندىكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچ بار. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 83

يَوۡمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇ كۈندە ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تىك تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 83

كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٖ

ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن گۇناھكارلار ئەلۋەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 83

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سِجِّينٞ

ئەي پەيغەمبەر! سىججىننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
9 : 83

كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ

شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 83

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئۇ كۈندە ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! info
التفاسير:

external-link copy
11 : 83

ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ئۇ كۈننى ئۇلار ئىنكار قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 83

وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ

ئۇ كۈننى پەقەت ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچىلا ئىنكار قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 83

إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئۇنىڭغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە: بۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھېكايىلىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئەمەس، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 83

كَلَّاۖ بَلۡۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنكارچىلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئەقىللىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۇنى يېپىۋالغان، شۇڭا ئۇلار قەلبلىرى بىلەن ھەقنى كۆرەلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 83

كَلَّآ إِنَّهُمۡ عَن رَّبِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّمَحۡجُوبُونَ

دەرۋەقە ئۇلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 83

ثُمَّ إِنَّهُمۡ لَصَالُواْ ٱلۡجَحِيمِ

ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرىپ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 83

ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كايىش تەرىقىسىدە: سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازابنى دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا پەيغەمبىرىڭلار خەۋەر بەرگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 83

كَلَّآ إِنَّ كِتَٰبَ ٱلۡأَبۡرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ

ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەسكى، سىلەردىن ھېساب ئېلىنمايدىغان، جازا - مۇكاپات بېرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ نامە - ئەمەل دەپتىرى ئىللىييوندا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 83

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئىللىييوننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
20 : 83

كِتَٰبٞ مَّرۡقُومٞ

شەكسىزكى (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 83

يَشۡهَدُهُ ٱلۡمُقَرَّبُونَ

بۇ كىتابقا ھەر ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 83

إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ

شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەت كۈنى ئەلۋەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 83

عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ

ئۇلار ئېسىل بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە پەرۋەردىگارىغا ھەمدە دىللارنى شادلاندۇرىدىغان نېئمەتلەرگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 83

تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِهِمۡ نَضۡرَةَ ٱلنَّعِيمِ

ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە يۈزلىرىدە باياشاتلىقنىڭ گۈزەللىكى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 83

يُسۡقَوۡنَ مِن رَّحِيقٖ مَّخۡتُومٍ

خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئاغزى پىچەتلەنگەن شارابلارنى سۇنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 83

خِتَٰمُهُۥ مِسۡكٞۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلۡيَتَنَافَسِ ٱلۡمُتَنَٰفِسُونَ

ئۇ شاراب تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلار ئۈچۈن بەسلەشسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 83

وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسۡنِيمٍ

بۇ پىچەتلەنگەن شارابقا تەسنىم دېگەن بۇلاقنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 83

عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا ٱلۡمُقَرَّبُونَ

تەسنىم دېگەن ئەڭ ئالىي جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سۈزۈڭ ھەم ساپ ھالەتتە ئىچىدۇ. باشقا مۇئمىنلەرمۇ ئۇنىڭ ئارىلاشما ھالەتتىكى سۈيىدىن ئىچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 83

إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ كَانُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَضۡحَكُونَ

شەكسىزكى كۇپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق جىنايەت قىلغان گۇناھكارلار مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 83

وَإِذَا مَرُّواْ بِهِمۡ يَتَغَامَزُونَ

كاپىرلار مۇئمىنلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 83

وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمُ ٱنقَلَبُواْ فَكِهِينَ

ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتقىنىدا ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقىغا خۇشال بولغان ھالدا قايتىشاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 83

وَإِذَا رَأَوۡهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ

ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كۆرگىنىدە: بۇلار ئۆز ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ شەكسىز ھەق يولدىن ئاداشقانلاردۇر، دېيىشەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 83

وَمَآ أُرۡسِلُواْ عَلَيۡهِمۡ حَٰفِظِينَ

ئۇلار بۇنداق دەيدىغانغا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغىنى يوق. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• خطر الذنوب على القلوب.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر قەلبلەرگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. info

• حرمان الكفار من رؤية ربهم يوم القيامة.
كاپىرلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەھرۇمدۇر. info

• السخرية من أهل الدين صفة من صفات الكفار.
دىندارلارنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
34 : 83

فَٱلۡيَوۡمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنَ ٱلۡكُفَّارِ يَضۡحَكُونَ

خۇددى كاپىرلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندەك، قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرمۇ كاپىرلارنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىغا قاراپ كۈلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 83

عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ

مۇئمىنلەر چىرايلىق بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە تەييارلىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەرگە قاراپ] ئولتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 83

هَلۡ ثُوِّبَ ٱلۡكُفَّارُ مَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ

كاپىرلار دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا خورلىغۇچى ئازاب بىلەن چوقۇم جازالىنىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• خضوع السماء والأرض لربهما.
ئاسمان ۋە زېمىنمۇ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنىدۇ. info

• كل إنسان ساعٍ إما لخير وإما لشرّ.
ئەمەل قىلغۇچى ھەر بىر ئىنسان يا ياخشى ئەمەل قىلىدۇ ياكى يامان ئەمەل قىلىدۇ. info

• علامة السعادة يوم القيامة أخذ الكتاب باليمين، وعلامة الشقاء أخذه بالشمال.
قىيامەت كۈنىدىكى بەخت - سائادەتنىڭ ئالامىتى نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئېلىش، بەدبەختلىكنىڭ ئالامىتى بولسا سول قولى بىلەن ئېلىشتۇر. info