വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

نۇھ

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
بيان منهج الدعوة للدعاة، من خلال قصة نوح.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكى جەريانىدا دەۋەتچىلەرگە دەۋەتنىڭ پىرىنسىپىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 71

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرۡ قَوۡمَكَ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دەرتلىك ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 71

قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

نۇھ قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى شۇنداق بىر ئازابتىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى ئەگەر تەۋبە قىلمىساڭلار ئۇ ئازاب سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 71

أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ

مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەيدىغىنىم شۇكى، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 71

يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرۡكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُۚ لَوۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 71

قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوۡتُ قَوۡمِي لَيۡلٗا وَنَهَارٗا

نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى ساڭا قۇلچىلىق قىلىشقا ۋە سېنى بىر دەپ بىلىشكە كېچە - كۈندۈز ئىزچىل دەۋەت قىلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 71

فَلَمۡ يَزِدۡهُمۡ دُعَآءِيٓ إِلَّا فِرَارٗا

مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەۋىتىم پەقەت ئۇلارنى مەن چاقىرغان نەرسىدىن نەپرەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 71

وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوۡتُهُمۡ لِتَغۡفِرَ لَهُمۡ جَعَلُوٓاْ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَٱسۡتَغۡشَوۡاْ ثِيَابَهُمۡ وَأَصَرُّواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ ٱسۡتِكۡبَارٗا

مەن قاچانكى ئۇلارنى يالغۇز ساڭا قۇلچىلىق قىلىش، ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشقا دەۋەت قىلسام، ئۇلار مېنىڭ دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشلىرىنى كىيىملىرى بىلەن چۈمكىۋېلىشتى. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە ئىزچىل تۇردى ھەمدە مەن ئۇلارنى چاقىرغان دىننى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 71

ثُمَّ إِنِّي دَعَوۡتُهُمۡ جِهَارٗا

ئى پەرۋەردىگارىم! ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 71

ثُمَّ إِنِّيٓ أَعۡلَنتُ لَهُمۡ وَأَسۡرَرۡتُ لَهُمۡ إِسۡرَارٗا

ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. ئۇلارنى دەۋەت قىلىشتا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللاندىم. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 71

فَقُلۡتُ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارٗا

ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن ئۆزىگە تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دېدىم. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• خطر الغفلة عن الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر. info

• عبادة الله وتقواه سبب لغفران الذنوب.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق بىلەن قۇلچىلىق قىلىش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• الاستمرار في الدعوة وتنويع أساليبها حق واجب على الدعاة.
دەۋەتچىلەرنىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەۋەتتە ئىزچىل بولۇش ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىشتۇر. info