വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
41 : 70

عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

ئاي ۋە قۇياشنىڭ چىقىدىغان جايلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز ئۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسمىز. ئۇلارنى قاچان ھالاك قىلماقچى ۋە باشقىلارغا ئالماشتۇرماقچى بولساق، قىلالماي قالمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 70

فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل، ئازغۇنلۇقلىرىغا چۆمگىلى ۋە قۇرئاندا ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر دۇنيا ھاياتىدا ئوينىغىلى قويغىن. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 70

يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ

ئۇلار ئۇ كۈندە خۇددى بىر نىشان تەرەپكە قاراپ بەسلىشىۋاتقاندەك قەبرىلىرىدىن ئالدىراپ - ھۆمىدەپ چىقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 70

خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ

ئۇلار پەسكىلا قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى خارلىق چىرمىۋالىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ۋەدە قىلىنغان، ئەمما پەرۋا قىلمىغان كۈندۇر. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• خطر الغفلة عن الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر. info

• عبادة الله وتقواه سبب لغفران الذنوب.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق بىلەن قۇلچىلىق قىلىش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• الاستمرار في الدعوة وتنويع أساليبها حق واجب على الدعاة.
دەۋەتچىلەرنىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەۋەتتە ئىزچىل بولۇش ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىشتۇر. info