വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

جۇمۇئە

സൂറത്തിൻ്റെ ഉദ്ദേശ്യങ്ങളിൽ പെട്ടതാണ്:
الامتنان على الأمة وتفضيلها برسولها، وبيان فضل يوم الجمعة.
ئۈممەتكە ياخشىلىق قىلىش، ئۇ ئۇممەتنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بىلەن پەزىلەتلىك قىلىش ۋە جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى. info

external-link copy
1 : 62

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡمَلِكِ ٱلۡقُدُّوسِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا نالايىق ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە مۈلكىدە يەككە - يېگانىدۇر. ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاكتۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. يارىتىشىدا، ئەمىر - پەرمانلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 62

هُوَ ٱلَّذِي بَعَثَ فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمۡ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلُ لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

ئاللاھ تائالا ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان ئەرەبلەرگە ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۇپرىدىن ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلايدۇ، قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن بۇرۇن ھەقتىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولۇپ، بۇتلارغا چوقۇناتتى، ناھەق قان تۆكەتتى، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 62

وَءَاخَرِينَ مِنۡهُمۡ لَمَّا يَلۡحَقُواْ بِهِمۡۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

ئاللاھ تائالا بۇ پەيغەمبەرنى ئەرەبلەردىن ۋە تېخى دۇنياغا ئاپىرىدە بولمىغان، ئەمما كەلگۈسىدە دۇنياغا كېلىدىغان باشقا مىللەتلەردىن ئەڭ ئاخىرقى قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. يارىتىشىدا، ئەمىر - پەرمانلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 62

ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ

ئەرەبلەرگە ۋە باشقا خەلقلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىن ئىبارەت مەزكۇر ئىشلار ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغان پەزل - مەرھەمىتىدۇركى، ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمۇ ئۇنىڭ كاتتا ئىلتىپاتىنىڭ قاتارىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 62

مَثَلُ ٱلَّذِينَ حُمِّلُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ ثُمَّ لَمۡ يَحۡمِلُوهَا كَمَثَلِ ٱلۡحِمَارِ يَحۡمِلُ أَسۡفَارَۢاۚ بِئۡسَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغان، ئاندىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ مىسالى توم - توم كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، ئەمما ئۈستىگە يۈكلەنگەن نەرسىنىڭ كىتاب ياكى باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن قەبىھ! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 62

قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ هَادُوٓاْ إِن زَعَمۡتُمۡ أَنَّكُمۡ أَوۡلِيَآءُ لِلَّهِ مِن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُاْ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي تەۋرات ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ يەھۇدىي دىنىدا قېپقالغانلار! ئەگەر سىلەر ئېيتقىنىڭلاردەك راستىنلا ئاللاھ سىلەرنى دوستلۇققا خاس قىلغان ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولساڭلار، قېنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار. ئەگەر سىلەر - ئېيتقىنىڭلاردەك - ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە خاس قىلغان ئىلتىپاتنى تېزراق ئاتا قىلسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 62

وَلَا يَتَمَنَّوۡنَهُۥٓ أَبَدَۢا بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ

ئۇلار ھەرگىز ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار كۇپۇرلۇق، گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم، تەۋراتنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېگەندەك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 62

قُلۡ إِنَّ ٱلۡمَوۡتَ ٱلَّذِي تَفِرُّونَ مِنۡهُ فَإِنَّهُۥ مُلَٰقِيكُمۡۖ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇ يەھۇدىيلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئۇچرىشىشتىن قېچىۋاتقان ئۆلۈم مەيلى بۇرۇن بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن چوقۇم كېلىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى يوشۇرۇننىمۇ، ئاشكارىنىمۇ بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاندىن ئۇ سىلەرگە دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە شۇنىڭغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• عظم منة النبي صلى الله عليه وسلم على البشرية عامة وعلى العرب خصوصًا، حيث كانوا في جاهلية وضياع.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇمەتەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەبلەرگە كاتتا نېئمەتتۇر. چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن جاھىلىيەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئىدى. info

• الهداية فضل من الله وحده، تطلب منه وتستجلب بطاعته.
ھىدايەت دېگەن پەقەت يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، پەقەت شۇنىڭدىنلا تىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. info

• تكذيب دعوى اليهود أنهم أولياء الله؛ بتحدّيهم أن يتمنوا الموت إن كانوا صادقين في دعواهم لأن الولي يشتاق لحبيبه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەۋېلىشلىرى ئۇلارغا ئەگەر ئاشۇ دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يالغانلىقى ئىسپاتلاندى. چۈنكى دوست دېگەن ئۆز دوستىغا تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ. info