വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
53 : 6

وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لِّيَقُولُوٓاْ أَهَٰٓؤُلَآءِ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنۢ بَيۡنِنَآۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِٱلشَّٰكِرِينَ

ئەنە شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرى ئارقىلىق سىناپ، بۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدە ئۆز-ئارا پەرقلىق قىلدۇق. ئۇلارنى بۇنداق سىناققا مۇپتىلا قىلىشىمىز باي كاپىرلارنىڭ كەمبەغەل مۇئمىنلەرگە: ئاللاھ ئارىمىزدىن توغرا يولنى ئىلتىپات قىلغانلار مۇشۇ يالاڭتۆشلەرمۇ؟ ئەگەر ئىمان ئېيتىش ياخشى ئىش بولسىدى، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ كېتەلمەيتتى، بىز ئالدىنئالا ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىمۇ ھەممىدىن ياخشى بىلگەچكە، بۇنداقلار بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 6

وَإِذَا جَآءَكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِنَا فَقُلۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡۖ كَتَبَ رَبُّكُمۡ عَلَىٰ نَفۡسِهِ ٱلرَّحۡمَةَ أَنَّهُۥ مَنۡ عَمِلَ مِنكُمۡ سُوٓءَۢا بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ تَابَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَصۡلَحَ فَأَنَّهُۥ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئەي پەيغەمبەر! سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر يېنىڭغا كەلگىنىدە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ سالىمىنى ئىلىك ئالغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خۇشبېشارەت بەرگىن. ئاللاھ تائالا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۆزىگە ۋاجىب قىلدى. ئاراڭلاردىن كىمكى بىلمەسلىكتىن، كەم ئەقىللىق بىلەن گۇناھ-مەئسىيەت قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ، ئەمىلىنى تۈزىگەن بولسا، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 6

وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلِتَسۡتَبِينَ سَبِيلُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

يۇقىرىدا ساڭا بايان قىلغىنىمىزدەك، ساختىپەزلەرگە قارشى دەلىل-پاكىتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇنداق قىلىشىمىز جىنايەتچىلەرنىڭ يولى ۋە ئىستىللىرى روشەن بولسۇن ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 6

قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ قُل لَّآ أَتَّبِعُ أَهۡوَآءَكُمۡ قَدۡ ضَلَلۡتُ إِذٗا وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. يەنە ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھتىن باشقىغا تېۋىنىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلمايمەن. مۇبادا بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلىپ قالسام، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىمەن، ھىدايەت تاپالمايمەن. بۇ، ئاللاھتىن كەلگەن پاكىتنى قويۇپ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەھۋالىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 6

قُلۡ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَكَذَّبۡتُم بِهِۦۚ مَا عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦٓۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ يَقُصُّ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡفَٰصِلِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن شەكسىزكى رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەمەس. سىلەر بۇ پاكىتنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب ۋە تەلەپ قىلغان مۆجىزە مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭا ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. ئۇ ھەقنى دەيدۇ، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ بولسا ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىنى يالغان-ياۋىداقنىڭ تەرەپدارىدىن ئايرىيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 6

قُل لَّوۡ أَنَّ عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦ لَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۗ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِٱلظَّٰلِمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كاشكى سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب مېنىڭ ئىلكىمدە بولسىدى، ئەلۋەتتە سىلەرگە چۈشۈرگەن بولاتتىم، ئۇ چاغدا ئارىمىزدىكى مەسىلىمۇ ھەل قىلىنغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا زالىملارغا قانچىلىك مۆھلەت بېرىشنى ۋە قاچان جازالاشنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 6

۞ وَعِندَهُۥ مَفَاتِحُ ٱلۡغَيۡبِ لَا يَعۡلَمُهَآ إِلَّا هُوَۚ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۚ وَمَا تَسۡقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعۡلَمُهَا وَلَا حَبَّةٖ فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡأَرۡضِ وَلَا رَطۡبٖ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

غەيىبنىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانسىز مەخلۇقاتلاردىن ئىبارەت قۇرۇقلۇقتىكى بارچە نەرسىلەرنى، دېڭىزدىكى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى، ھەتتا ھەربىر يوپۇرماقنىڭ نەگە چۈشىدىغانلىقىغا قەدەر بىلىپ تۇرىدۇ. يەرگە كۆمۈلگەن بىر تال دان، يەر يۈزىدىكى ھۆل-قۇرۇق قانداق نەرسە بولسا، ئۇ چوقۇم روشەن كىتاب بولغان لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈكلۈكتۇر. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• الله تعالى يجعل العباد بعضهم فتنة لبعض، فتتفاوت درجاتهم في الرزق وفي الكفر والإيمان، والكفر والإيمان ليس منوطًا بسعة الرزق وضيقه.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى بىر-بىرى ئارقىلىق ئىمتىھان قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ رىزىق ۋە كۇپرى-ئىماندىكى دەرىجىلىرى پەرقلىق بولىدۇ. كۇپرى بىلەن ئىمان رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشىغا باغلىق ئەمەس. info

• من أخلاق الداعية طلاقة الوجه وإلقاء التحية والتبسط والسرور بأصحابه.
خۇشچىراي بولۇش، باشقىلارغا سالام قىلىش، ئوچۇق-يورۇق بولۇش، ھەمراھلىرىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلىش دەۋەتچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• على الداعية اجتناب الأهواء في عقيدته ومنهجه وسلوكه.
دەۋەتچىلەر ئەقىدىسىدە، تۇتقان يولىدا ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. info

• إثبات تفرد الله عز وجل بعلم الغيب وحده لا شريك له، وسعة علمه في ذلك، وأنه لا يفوته شيء ولا يعزب عنه من مخلوقاته شيء إلا وهو مثبت مدوَّن عنده سبحانه بأدق تفاصيله.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ غەيىبنى بىلىشتە يالغۇزلۇقىنى، ھېچ قانداق شېرىكى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ تېشىدا قالمايدىغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە پۈتۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. info