വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
77 : 56

إِنَّهُۥ لَقُرۡءَانٞ كَرِيمٞ

ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقىنى ئۇلۇغ قۇرئاندۇركى، ئۇنىڭدا كاتتا مەنپەئەتلەر باردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 56

فِي كِتَٰبٖ مَّكۡنُونٖ

ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان كىتاب، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا (پۈتۈلگەندۇر). info
التفاسير:

external-link copy
79 : 56

لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُطَهَّرُونَ

ئۇنى پەقەت گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك بولغان پەرىشتىلەرلا تۇتالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 56

تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 56

أَفَبِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَنتُم مُّدۡهِنُونَ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر مۇشۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، ئىنكار قىلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
82 : 56

وَتَجۡعَلُونَ رِزۡقَكُمۡ أَنَّكُمۡ تُكَذِّبُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى پېتىش ئالدىدىكى يۇلتۇزغا مەنسۇپ قىلىپ: بىز پالان ۋە پۇستان يۇلتۇز سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدۇرۇلدۇق، دەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
83 : 56

فَلَوۡلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلۡحُلۡقُومَ

جان ھەلقۇمغا كەلگەندە سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەرغۇ!؟ info
التفاسير:

external-link copy
84 : 56

وَأَنتُمۡ حِينَئِذٖ تَنظُرُونَ

ئاشۇ چاغدا سىلەر كۆز ئالدىڭلاردا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىگە قاراپ تۇرىسىلەر، (يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ). info
التفاسير:

external-link copy
85 : 56

وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُبۡصِرُونَ

بىز ئىلمىمىز، قۇدرىتىمىز ۋە پەرىشتىلىرىمىز بىلەن مېيىتلىرىڭلارغا سىلەردىنمۇ يېقىنراقمىز. لېكىن سىلەر ئۇ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 56

فَلَوۡلَآ إِن كُنتُمۡ غَيۡرَ مَدِينِينَ

ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 56

تَرۡجِعُونَهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 56

فَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 56

فَرَوۡحٞ وَرَيۡحَانٞ وَجَنَّتُ نَعِيمٖ

ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 56

وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ

ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 56

فَسَلَٰمٞ لَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ

ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
92 : 56

وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُكَذِّبِينَ ٱلضَّآلِّينَ

ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 56

فَنُزُلٞ مِّنۡ حَمِيمٖ

ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 56

وَتَصۡلِيَةُ جَحِيمٍ

ئۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 56

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ ٱلۡيَقِينِ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىسسە شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 56

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ بىلگىن، ئۇنى ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• شدة سكرات الموت وعجز الإنسان عن دفعها.
ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىنسان ئۇنى دەپئى قىلىشتىن ئاجىزدۇر. info

• الأصل أن البشر لا يرون الملائكة إلا إن أراد الله لحكمة.
ئىنسانلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەسلىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ بىرەر ھېكمەت يۈزىسىدىن كۆرسىتىشنى خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. info

• أسماء الله (الأول، الآخر، الظاهر، الباطن) تقتضي تعظيم الله ومراقبته في الأعمال الظاهرة والباطنة.
ئەلئەۋۋەل، ئەلئاخىر، ئەززاھىر ۋە ئەلباتىن قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ھەمدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. info