വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
15 : 46

وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ إِحۡسَٰنًاۖ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ كُرۡهٗا وَوَضَعَتۡهُ كُرۡهٗاۖ وَحَمۡلُهُۥ وَفِصَٰلُهُۥ ثَلَٰثُونَ شَهۡرًاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗ قَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَصۡلِحۡ لِي فِي ذُرِّيَّتِيٓۖ إِنِّي تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَإِنِّي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ

بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدىغان شەكىلدە ياخشىلىق قىلىشقا كەسكىن بۇيرۇدۇق. بولۇپمۇ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇقكى، ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ مۇشەققەت بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى، يەنە مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئانىنىڭ ئۇنى قورسىقىدا كۆتۈرگەندىن تارتىپ ئەمچەكتىن ئايرىغانغا قەدەر ۋاقىت ئوتتۇز ئايدۇر. نىھايەت ئىنسان ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتى كامالەتكە يېتىپ، قىرىق ياشقا بارغاندا: ئەي رەببىم! ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ئىلھام قىلغىن، ماڭا ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى ئىلھام قىلغىن ۋە ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن، ئەۋلادلىرىمنى ئىسلاھ قىلغىن. شەكسىزكى مەن گۇناھلىرىمدىن تەۋبە قىلدىم، شەكسىزكى مەن سېنىڭ تائىتىڭگە ۋە بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنغۇچىلاردىنمەن، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 46

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنۡهُمۡ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّـَٔاتِهِمۡ فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلۡجَنَّةِۖ وَعۡدَ ٱلصِّدۡقِ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ

بىز ئەنە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى قوبۇل قىلىمىز، يامانلىقلىرىنى ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا جازالىمايمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇركى، شەكسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 46

وَٱلَّذِي قَالَ لِوَٰلِدَيۡهِ أُفّٖ لَّكُمَآ أَتَعِدَانِنِيٓ أَنۡ أُخۡرَجَ وَقَدۡ خَلَتِ ٱلۡقُرُونُ مِن قَبۡلِي وَهُمَا يَسۡتَغِيثَانِ ٱللَّهَ وَيۡلَكَ ءَامِنۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ فَيَقُولُ مَا هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

بىرى ئاتا - ئانىسىغا: ئېسىت سىلەرگە! سىلەر ماڭا مەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرەمدىن چىقىدىغانلىقىمنى ۋەدە قىلىۋاتامسىلەر؟ ئىلگىرىكى كۆپ ئەسىرلەر مابەينىدە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىم قايتا تىرىلگىنى يوققۇ؟! - دېدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاللاھتىن ئوغلىنى ئىمانغا يېتەكلىشىنى تىلەيتتى ھەمدە ئوغلىغا: ئەگەر سەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمىسەڭ تۈگىشىسەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقىن. ئاللاھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق، دەيتتى. ئاندىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى قايتىدىن ئىنكار قىلىپ: قايتا تىرىلىش ھەققىدە دېيىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ قالدۇرغان كىتابلاردىن ئېلىنغان گەپلەر بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 46

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ

ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنىسانلار ۋە جىنلارنىڭ قاتارىدا ئازاب تېگىشلىك بولغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپكەتتى. چۈنكى ئۇلار دوزاخقا كىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىنمۇ، بالا - چاقىلىرىدىنمۇ قۇرۇق قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 46

وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۖ وَلِيُوَفِّيَهُمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

ئەھلى جەننىتى ۋە ئەھلى دوزىخى بولغان ئىككى گۇرۇھتىن ھەر بىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. يەنى جەننەت ئەھلىنىڭ دەرىجىلىرى ئالىي مەرتىۋىلەر بولسا، دوزاخ ئەھلىنىڭ دەرىجىسى چوڭقۇر ئورەكلەردۇر. بۇنداق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە كۆرە جازا - مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىشى ئۈچۈندۇركى، بەندىلەر قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ۋە يامانلىقلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى ئارقىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 46

وَيَوۡمَ يُعۡرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَلَى ٱلنَّارِ أَذۡهَبۡتُمۡ طَيِّبَٰتِكُمۡ فِي حَيَاتِكُمُ ٱلدُّنۡيَا وَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهَا فَٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَسۡتَكۡبِرُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَفۡسُقُونَ

ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا توغرىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كايىش ۋە ئەيىبلەش ئۇسلۇبىدا: سىلەر دۇنيا ھاياتىڭلاردا ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ، تۈرلۈك لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر يەر يۈزىدە يولسىز ھالدا چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ھەمدە كۇپرىلىق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققىنىڭلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىسىلەر، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• بيان مكانة بِرِّ الوالدين في الإسلام، بخاصة في حق الأم، والتحذير من العقوق.
بۇ ئايەتلەر ئىسلامدا ئاتا - ئانىغا، بولۇپمۇ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى ھەمدە ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشتىن چەكلەشنى ئىپادىلەيدۇ. info

• بيان خطر التوسع في ملاذّ الدنيا؛ لأنها تشغل عن الآخرة.
دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتى ئاخىرەت ئىشلىرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ. info

• بيان الوعيد الشديد لأصحاب الكبر والفسوق.
تەكەببۇرلار ۋە پاسىقلارغا قاتتىق تەھدىت قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. info