വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
6 : 39

خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۚ يَخۡلُقُكُمۡ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ خَلۡقٗا مِّنۢ بَعۡدِ خَلۡقٖ فِي ظُلُمَٰتٖ ثَلَٰثٖۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى بىر جان، يەنى ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئادەمدىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن سەككىز جۈپ ھايۋاننى يارىتىپ بەردى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسىنى ياراتتى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قارنىدا قورساق، بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە باسقۇچمۇ - باسقۇچ بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان ئاشۇ زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالادۇركى، مۇتلەق ئىگىدارچىلىق يالغۇز ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قانداقمۇ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ھېچنەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان مەخلۇقلارغا چوقۇنىدىغان بولۇپ كېتىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
7 : 39

إِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمۡۖ وَلَا يَرۡضَىٰ لِعِبَادِهِ ٱلۡكُفۡرَۖ وَإِن تَشۡكُرُواْ يَرۡضَهُ لَكُمۡۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرۡجِعُكُمۡ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلارغا كاپىر بولساڭلار، ئاللاھ تائالا شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىڭلاردىن بىھاجەتتۇر، سىلەرنىڭ كۇپرىڭلار ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، كۇپرىڭلارنىڭ زىيىنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ ھەم ئۇلارنى كۇپرىغىمۇ بۇيرۇمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قەبىھ ئىشلارغا ۋە گۇناھقا بۇيرۇمايدۇ. ناۋادا سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ شۈكرى قىلغىنىڭلاردىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە ساۋاب بېرىدۇ. ھېچكىم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى يۈدۈۋالمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئاندىن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە بۇ دۇنيادا قىلغان - ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكى سىرلارنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 39

۞ وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ضُرّٞ دَعَا رَبَّهُۥ مُنِيبًا إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُۥ نِعۡمَةٗ مِّنۡهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدۡعُوٓاْ إِلَيۡهِ مِن قَبۡلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِۦۚ قُلۡ تَمَتَّعۡ بِكُفۡرِكَ قَلِيلًا إِنَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِ

ناۋادا كاپىر بولغان ئادەمگە كېسەللىك، مېلى يۈتۈپ كېتىش ۋە سۇدا ئېقىپ كېتىشتىن قورقۇش دېگەندەك بىرەر خاپىلىق كەلسە دەرھال رەببىگىلا يۈزلىنىپ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق نېئمەت ئاتا قىلسا، ئۇ ئىلگىرى يالۋۇرغان ئاللاھنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدۇكى، باشقىلارنىڭمۇ ئاللاھقا ئېلىپ بارىدىغان يولدىن چەتنەپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ شۇ شېرىكلەرگە چوقۇنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، قالغان ئۆمرۈڭدە كۇپرىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋالغىن، بۇ ئىنتايىن ئاز ۋاقىتتۇر. چۈنكى سەن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ، قىيامەت كۈنى دوزاخ بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى ھەمراھ كەبى سەندىن ئايرىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 39

أَمَّنۡ هُوَ قَٰنِتٌ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ سَاجِدٗا وَقَآئِمٗا يَحۡذَرُ ٱلۡأٓخِرَةَ وَيَرۡجُواْ رَحۡمَةَ رَبِّهِۦۗ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، كېچىدىكى ۋاقىتلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالەتتە ئۆتكۈزىدىغان، ئاخىرەتتىكى ئازابتىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، باياشاتلىقتا ئۇنىڭغا كاپىر بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنى تونۇغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بۇلاردىن ھېچ قايسىسىنى قىلمايدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى پەرقنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 39

قُلۡ يَٰعِبَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ لِلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۗ وَأَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٌۗ إِنَّمَا يُوَفَّى ٱلصَّٰبِرُونَ أَجۡرَهُم بِغَيۡرِ حِسَابٖ

ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ۋە پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاراڭلاردىن بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەل قىلغانلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ نۇسرەت، ساقلىق ۋە مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش دېگەندەك ياخشىلىقلارغا، ئاخىرەتتە بولسا جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى تولىمۇ كەڭدۇر، ئاللاھقا ھېچبىر توسالغۇسىز قۇلچىلىق قىلالايدىغان ئورۇننى تېپىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە ھىجرەت قىلىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى سەۋرچان بولغانلارغا كۆپلۈكى ۋە خىلمۇ-خىللىقىدىن ساناپ ۋە مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چەكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• رعاية الله للإنسان في بطن أمه.
بۇ ئايەتلەر ئىنسان ئانا قورسىقىدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، info

• ثبوت صفة الغنى وصفة الرضا لله.
ئاللاھ تائالانىڭ بىھاجەت بولۇش ۋە رازى بولۇش سۈپىتى بارلىقىنى، info

• تعرّف الكافر إلى الله في الشدة وتنكّره له في الرخاء، دليل على تخبطه واضطرابه.
كاپىرنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھنى تونۇپ، باياشات ۋاقتىدا ئۇنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ نىشانسىز، تۇراقسىز ياشايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى، info

• الخوف والرجاء صفتان من صفات أهل الإيمان.
ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىش ئىمان ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info