വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
51 : 33

۞ تُرۡجِي مَن تَشَآءُ مِنۡهُنَّ وَتُـٔۡوِيٓ إِلَيۡكَ مَن تَشَآءُۖ وَمَنِ ٱبۡتَغَيۡتَ مِمَّنۡ عَزَلۡتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكَۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن تَقَرَّ أَعۡيُنُهُنَّ وَلَا يَحۡزَنَّ وَيَرۡضَيۡنَ بِمَآ ءَاتَيۡتَهُنَّ كُلُّهُنَّۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمٗا

ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قونمىساڭ، خالىغىنىڭنىڭكىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولساڭ بولىۋېرىدۇ. نۆۋىتىنى كېچىكتۈرگەن ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، بۇنىڭدا ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ساڭا بېرىلگەن بۇ ئىختىيارلىق ۋە كەڭچىلىك ئاياللىرىڭنىڭ خۇرسەن بولۇشى ھەمدە سەن ئۇلارغا بەرگەن ھەر قانداق نەرسىدىن مەمنۇن بولۇشىغا ئەڭ مۇناسىپتۇر. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭگە سەل قارىمىغانلىقىڭنى، ھېچبىر ھەقكە بېخىللىق قىلمىغانلىقىڭنى بىلىدۇ. ئەي ئەرلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارنىڭ بەزىسىگە بولغان مايىللىقنى بىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ ھەلىمدۇركى، بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 33

لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعۡدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ حُسۡنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ رَّقِيبٗا

ئى پەيغەمبەر! (ئەمدى) ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا خوتۇن ئالساڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. گەرچە سەن ئالماقچى بولغان ئايال ھەر قانچە گۈزەل بولغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنى ئېلىش ئۈچۈن (ھازىرقى) ئاياللىرىڭنىڭ ھەممىنى ياكى بىرىنى قويۇۋېتىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. لېكىن سەن ئىگە بولغان چۆرىلەردىن بەلگىلىك سان بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن مەنپەئەتلەنسەڭ بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ھۆكۈم مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى تالاق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئېلىش چەكلەنگەن. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 33

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتَ ٱلنَّبِيِّ إِلَّآ أَن يُؤۡذَنَ لَكُمۡ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيۡرَ نَٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَٰكِنۡ إِذَا دُعِيتُمۡ فَٱدۡخُلُواْ فَإِذَا طَعِمۡتُمۡ فَٱنتَشِرُواْ وَلَا مُسۡتَـٔۡنِسِينَ لِحَدِيثٍۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ يُؤۡذِي ٱلنَّبِيَّ فَيَسۡتَحۡيِۦ مِنكُمۡۖ وَٱللَّهُ لَا يَسۡتَحۡيِۦ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ وَإِذَا سَأَلۡتُمُوهُنَّ مَتَٰعٗا فَسۡـَٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٖۚ ذَٰلِكُمۡ أَطۡهَرُ لِقُلُوبِكُمۡ وَقُلُوبِهِنَّۚ وَمَا كَانَ لَكُمۡ أَن تُؤۡذُواْ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓاْ أَزۡوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦٓ أَبَدًاۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، لېكىن ئۇ سىلەرنى تاماققا چاقىرىش ئارقىلىق كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەمما تاماقنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ (بەك) ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالماڭلار. تاماققا چاقىرىلغىنىڭلاردا كىرىپ، تاماقنى يەپلا قايتىپ كېتىڭلار. تاماقتىن كېيىن ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار. چۈنكى بۇنداق ئولتۇرۇۋېلىش پەيغەمبەرنى رەنجىتىپ قويىدۇ ھەم ئۇ سىلەرنى قايتىپ كېتىڭلار دېيەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقكە بۇيرۇشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، شۇڭا ئۇ سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋېلىپ رەنجىتىپ قويماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدىن تېز قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. ئەگەر سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن قاچا - قۇچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى سورىماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراڭلار. ئۇلارنى كۆرۈپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن بىۋاسىتە بىر نەرسە سورىماڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك بولغانلىقتىن (بۇ ھۆكۈم) ئۇنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. (سىلەر ئۇلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئاللاھنىڭ سىلەردىن) پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراشنى تەلەپ قىلىشى سىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىنى (گۇناھتىن) ساقلاپ قالىدۇ. نەتىجىدە سىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ، گۇناھنى چىرايلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (ئۆيىدە) پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش ياكى ئۇ ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى رەنجىتىپ قويۇش سىلەرگە ياراشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر. ھېچكىمنىڭ ئۆز ئانىسىنى بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا ئەمەس. شەكسىزكى، بۇنداق رەنجىتىش -ئۇ ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ شۇ رەنجىتىشنىڭ بىر تۈرىدۇر- ھارام بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن چوڭ گۇناھتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 33

إِن تُبۡدُواْ شَيۡـًٔا أَوۡ تُخۡفُوهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا

مەيلى سىلەر قىلمىشىڭلاردىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارا قىلىڭلار ياكى كۆڭلۈكلاردا يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە ئاللاھقا ھەرگىز مەخپىي قالمايدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ھېچ بىرى مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ، ناۋادا ئەمىلىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• عظم مقام النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه؛ ولذلك عاتب الصحابة رضي الله عنهم الذين مكثوا في بيته صلى الله عليه وسلم لِتَأَذِّيه من ذلك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىنىڭ ھوزۇرىدىكى مەقامىنىڭ ئۇلۇغلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېمەككە داخىل بولۇپ، چىقىپ كەتمەي سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ساھابىلار ئەيىپلەنگەن. info

• ثبوت صفتي العلم والحلم لله تعالى.
ھەممىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، دېگەن ئىككى سۈپەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. info

• الحياء من أخلاق النبي صلى الله عليه وسلم.
ھايا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىندۇر. info

• صيانة مقام أمهات المؤمنين زوجات النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئىبارەت مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى ھىمايە قىلىش info