വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

external-link copy
29 : 24

لَّيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ مَسۡكُونَةٖ فِيهَا مَتَٰعٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ

بىرەرسىنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى بولمىغان، ئومۇمىي مەنپەئەت ئۈچۈن تەييارلانغان ئىشخانا ۋە بازارلاردىكى دۇكانلارغا ئوخشاش ئاممىۋىي ئورۇنلارغا رۇخسەتسىز كىرسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ۋە ئەھۋالىڭلاردىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• جواز دخول المباني العامة دون استئذان.
(دۇكان ۋە باشقا) ئاممىۋىي ئورۇنلارغا روخسەتسىز كىرسە بولىدۇ. info

• وجوب غض البصر على الرجال والنساء عما لا يحلّ لهم.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھالال بولمايدىغان جايلارغا قارىماسلىقى ۋاجىب. info

• وجوب الحجاب على المرأة.
ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ۋاجىب. info

• منع استخدام وسائل الإثارة.
(پىتنە - پاسات ۋە شەھۋەتلەرنى) قوزغايدىغان ۋاسىتىلەر چەكلىنىدۇ. info