വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
32 : 24

وَأَنكِحُواْ ٱلۡأَيَٰمَىٰ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰلِحِينَ مِنۡ عِبَادِكُمۡ وَإِمَآئِكُمۡۚ إِن يَكُونُواْ فُقَرَآءَ يُغۡنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئايالى يوق ئەرلەرنى ۋە ئېرى يوق ئاياللارنى ئۆيلەپ قويۇڭلار، قۇل - چۆرىلىڭلاردىنمۇ مۇئمىن بولغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بوپقالسا، ئاللاھ تائالا چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى باي قىلىدۇ. ئاللاھ كەڭرى رىزىق بەرگۈچىدۇركى، ئۇنىڭ رىزقى ھېچكىنىڭ بايلىقىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 24

وَلۡيَسۡتَعۡفِفِ ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغۡنِيَهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱلَّذِينَ يَبۡتَغُونَ ٱلۡكِتَٰبَ مِمَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَكَاتِبُوهُمۡ إِنۡ عَلِمۡتُمۡ فِيهِمۡ خَيۡرٗاۖ وَءَاتُوهُم مِّن مَّالِ ٱللَّهِ ٱلَّذِيٓ ءَاتَىٰكُمۡۚ وَلَا تُكۡرِهُواْ فَتَيَٰتِكُمۡ عَلَى ٱلۡبِغَآءِ إِنۡ أَرَدۡنَ تَحَصُّنٗا لِّتَبۡتَغُواْ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَمَن يُكۡرِههُّنَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ مِنۢ بَعۡدِ إِكۡرَٰهِهِنَّ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

يوقسۇللۇقتىن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار تاكى ئاللاھ چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق باي قىلغانغا قەدەر زىنادىن ساقلانسۇن. قۇللار ئىچىدىن ئازات قىلىنىش بەدىلىگە خوجايىنلىرىغا مال بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلەرگە كەلسەك، خوجايىنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مالنى ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ھەم دىندارلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسۇن، شۇنداقلا قۇللىرى بىلەن پۈتۈشكەن مالنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مال - دۇنيادىن ئۇلارغىمۇ ئاز - تولا بەرسۇن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، دېدەكلىرىڭلارنىڭ ئىپپىتىنى سېتىش بەدىلىگە پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىنايى - پاھىشىگە زورلىماڭلار. ئۆز ۋاقىتدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىپپىتىنى ساقلاپ، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرماقچى بولغان ئىككى دېدىكىگە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇلارنى شۇنداق ئىشقا زورلايدىكەن، ئۇلار مەجبۇرلانغان بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇلار مەجبۇرلانغانلار بولۇپ، گۇناھ پەقەت مەجبۇرلىغۇچىلارغا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 24

وَلَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖ وَمَثَلٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۡ وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ

ئەي ئىنسانلار! بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ھېچ قانداق شەك بولمىغان روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، يەنە سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلەر ۋە كاپىرلارنىڭ مىساللىرىنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق پەرۋەردىگاىغا تەقۋادار بولغانلار ئىبرەت ئالىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 24

۞ ٱللَّهُ نُورُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ مَثَلُ نُورِهِۦ كَمِشۡكَوٰةٖ فِيهَا مِصۡبَاحٌۖ ٱلۡمِصۡبَاحُ فِي زُجَاجَةٍۖ ٱلزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوۡكَبٞ دُرِّيّٞ يُوقَدُ مِن شَجَرَةٖ مُّبَٰرَكَةٖ زَيۡتُونَةٖ لَّا شَرۡقِيَّةٖ وَلَا غَرۡبِيَّةٖ يَكَادُ زَيۡتُهَا يُضِيٓءُ وَلَوۡ لَمۡ تَمۡسَسۡهُ نَارٞۚ نُّورٌ عَلَىٰ نُورٖۚ يَهۡدِي ٱللَّهُ لِنُورِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَ لِلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ئۆز يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ قەلبىدىكى نۇرىنىڭ مىسالى چىراق قويىدىغان تەكچىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق گوياكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش پارلاپ تۇرغان شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. چىراققا مۇبارەك دەرەخ زەيتۇننىڭ مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، ئۇ دەرەخنى ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ قۇياش نۇرىدىن ھېچنەرسە توسۇۋالمايدۇ، ئۇنىڭ مېيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن ئوت تەگمىسىمۇ يېنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ - يۇ، ناۋادا ئوت تەگسە قانداق بوپ كېتەر؟ ھىدايەت نۇرى چاقنىغان چاغدىكى مۇئمىننىڭ قەلبىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەمجىنسلىرىغا ئوخشىتىپ مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 24

فِي بُيُوتٍ أَذِنَ ٱللَّهُ أَن تُرۡفَعَ وَيُذۡكَرَ فِيهَا ٱسۡمُهُۥ يُسَبِّحُ لَهُۥ فِيهَا بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ

بۇ چىراق ئاللاھ تائالا قەدىرلىنىشكە ۋە قۇرۇلمىلىرى يۈكسەك قىلىنىشقا بۇيرۇغان مەسجىدلەردە يېقىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدلەردە ئەزان - تەكبىر، زىكىر - تەسبىھ ۋە نامازلار بىلەن ئاللاھنىڭ نامى ياد ئېتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئەتىگەن - كەچلەردە ناماز ئوقۇلىدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• الله عز وجل ضيق أسباب الرق (بالحرب) ووسع أسباب العتق وحض عليه .
ئاللاھ تائالا ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قۇللۇقنىڭ يوللىرىنى تارايتىپ، قۇل ئازاد قىلىش يوللىرىنى كەڭرى قىلدى ھەمدە قۇل ئازات قىلىشقا قىزىقتۇردى. info

• التخلص من الرِّق عن طريق المكاتبة وإعانة الرقيق بالمال ليعتق حتى لا يشكل الرقيق طبقة مُسْتَرْذَلة تمتهن الفاحشة.
قۇللارنىڭ جەمئىيەتتە زىنايى - پاھىشىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۆۋەن بىر تەبىقىنى شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا توختاملىشىش ئارقىلىق ۋە قۇللارغا پۇل - مال ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىغا (تەرغىب قىلىدۇ). info

• قلب المؤمن نَيِّر بنور الفطرة، ونور الهداية الربانية.
مۇئمىننىڭ قەلبى پىترەت نۇرى ۋە رەببانىي ھىدايەت نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. info

• المساجد بيوت الله في الأرض أنشأها ليعبد فيها، فيجب إبعادها عن الأقذار الحسية والمعنوية.
مەسجىدلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئۆيلىرى بولۇپ، بۇ ئۆيلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان. شۇڭا مەسجىدلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاسەتلەردىن يىراق تۇتۇش ۋاجىبتۇر. info

• من أسماء الله الحسنى (النور) وهو يتضمن صفة النور له سبحانه.
نۇر ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ نۇر سۈپىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info