വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
39 : 22

أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَٰتَلُونَ بِأَنَّهُمۡ ظُلِمُواْۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصۡرِهِمۡ لَقَدِيرٌ

مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئۇرۇشسىزمۇ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن نۇسرەت ئاتا قىلىشقا شەكسىز قادىر ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى مۇئمىنلەرنى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشقا سېلىش ئارقىلىق سىناشنى تەلەپ قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 22

ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بِغَيۡرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّهُدِّمَتۡ صَوَٰمِعُ وَبِيَعٞ وَصَلَوَٰتٞ وَمَسَٰجِدُ يُذۡكَرُ فِيهَا ٱسۡمُ ٱللَّهِ كَثِيرٗاۗ وَلَيَنصُرَنَّ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ

كاپىرلار يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ «رەببىمىز ئاللاھتۇر، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق» دېگەندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق. ئەگەر ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئىبادەتخانىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى، خىرىسىتىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ چېركاۋلىرىنى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدىغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان مەسجىدلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ ئۆز دىنىغا ۋە پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرگەنلەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 22

ٱلَّذِينَ إِن مَّكَّنَّٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَمَرُواْ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَنَهَوۡاْ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۗ وَلِلَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ

ئاللاھ تائالا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بۇ كىشىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ناۋادا بىز ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ زېمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسىدۇ. مۇكاپات ۋە جازا ھەققىدىكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 22

وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَثَمُودُ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر قەۋمىڭ سېنى ئىنكار قىلسا سەۋرچان بولغىن، چۈنكى سەن پەيغەمبەرلەردىن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى ئەمەسسەن. سەندىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى، ئاد قەۋمى ھۇدنى ۋە سەمۇد قەۋمى سالىھنى ئىنكار قىلغان. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 22

وَقَوۡمُ إِبۡرَٰهِيمَ وَقَوۡمُ لُوطٖ

ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنى، لۇتنىڭ قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغان. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 22

وَأَصۡحَٰبُ مَدۡيَنَۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰۖ فَأَمۡلَيۡتُ لِلۡكَٰفِرِينَ ثُمَّ أَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ

مەديەن ئاھالىسى شۇئەيبنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى مۇسانى ئىنكار قىلغان. مەن ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنى كۇپرىسى تۈپەيلى ھالاك قىلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 22

فَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَا وَهِيَ ظَالِمَةٞ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئۡرٖ مُّعَطَّلَةٖ وَقَصۡرٖ مَّشِيدٍ

بىز ھالاك قىلغان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى -كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى- تۈپەيلىدىن تەلتۆكۈس يوق قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرى ئاھالىسىدىن خالىي خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى. ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ - كېتىدىغانلاردىن خالىي قالغان قۇدۇقلار نېمىدېگەن كۆپ؟ ئاھالىسىنى ئازابتىن ساقلاپ قالالمىغان ياسىداق، ئالىي سارايلار نېمىدېگەن كۆپ؟ info
التفاسير:

external-link copy
46 : 22

أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَتَكُونَ لَهُمۡ قُلُوبٞ يَعۡقِلُونَ بِهَآ أَوۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۖ فَإِنَّهَا لَا تَعۡمَى ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَلَٰكِن تَعۡمَى ٱلۡقُلُوبُ ٱلَّتِي فِي ٱلصُّدُورِ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەر ھالاك قىلىنغان ئاشۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، پەند - نەسىھەت ئېلىش مەقسىتىدە ئويلىنىپ كۆرۈش ئۈچۈن، ۋەز - نەسىھەت ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەپەر قىلمىدىمۇ؟ شەكسىزكى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى، ھاڭغا ئىتتىرگۈچى ئەقىلنىڭ كورلۇقىدۇر. چۈنكى ئەقلى كور ئادەمدە پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىش بولمايدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• إثبات صفتي القوة والعزة لله.
ئاللاھنىڭ قۇۋۋەت ۋە ئىززەت سۈپىتى بار. info

• إثبات مشروعية الجهاد؛ للحفاظ على مواطن العبادة.
جىھادنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىبادەتخانىلارنى قوغداش ئۈچۈندۇر. info

• إقامة الدين سبب لنصر الله لعبيده المؤمنين.
دىننى بەرپا قىلىش ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. info

• عمى القلوب مانع من الاعتبار بآيات الله.
دىلنىڭ كورلۇقى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. info