വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
76 : 17

وَإِن كَادُواْ لَيَسۡتَفِزُّونَكَ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ لِيُخۡرِجُوكَ مِنۡهَاۖ وَإِذٗا لَّا يَلۡبَثُونَ خِلَٰفَكَ إِلَّا قَلِيلٗا

كاپىرلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىش ئۈچۈن دۈشمەنلىك قىلىپ سېنى بىئارام قىلماقچى بولدى. لېكىن سەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىشىنى توسۇپ قالدى. مۇبادا ئۇلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋەتكەن بولسا ئىدى، سېنى چىقىرىۋېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 17

سُنَّةَ مَن قَدۡ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِن رُّسُلِنَاۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحۡوِيلًا

ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىمۇ تۇتقان ئومۇمىي قانۇنىيتىدۇر. يەنى قانداق بىر پەيغەمبەرنى قەۋمى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب نازىل قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بايقىيالمايسەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس، ئومۇمىي پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 17

أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا

كۈن ئىگىلگەندىن باشلاپ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن، بۇ ناماز كېچە قاراڭغۇلۇقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى، شۇنداقلا شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بامدات نامىزىنىمۇ ئادا قىلغىن، بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلغىن، بامدات نامىزىغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ قاتنىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 17

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَتَهَجَّدۡ بِهِۦ نَافِلَةٗ لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبۡعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامٗا مَّحۡمُودٗا

ئەي پەيغەمبەر! مەرتىۋەڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى كىشىلەرگە قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىدىن شاپائەتچى قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدىغان بۈيۈك شاپائەت ماقامىنىڭ ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا تۇرۇپ، نەپلە نامازلارنى ئوقۇغىن. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 17

وَقُل رَّبِّ أَدۡخِلۡنِي مُدۡخَلَ صِدۡقٖ وَأَخۡرِجۡنِي مُخۡرَجَ صِدۡقٖ وَٱجۡعَل لِّي مِن لَّدُنكَ سُلۡطَٰنٗا نَّصِيرٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي رەببىم! مېنىڭ كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ئورنۇمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ تائىتىڭ ۋە رازىلىقىڭدا قىلغىن، مەن ئۈچۈن ھۇزۇرۇڭدىن دۈشمىنىمگە قارشى ماڭا ياردىمى بولىدىغان كۈچلۈك دەلىل - پاكىتلارنى ئاتا قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 17

وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا

ئەي پەيغەمبەر بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئىسلام كەلدى، ئاللاھنىڭ يارەم بېرىشتىن ئىبارەت ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى، شېرىك ۋە كۇپرى يوقالدى. دەرۋەقە ساختا نەرسە ھەقىقەت ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالماي، ئاسانلار يوقىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 17

وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٞ وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارٗا

بىز قۇرئان كەرىمدىن قەلبلەرنىڭ نادانلىق، كۇپۇرلۇق ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىللەتلىرىگە شىپا بولىدىغان، دۇئا سۈپىتىدە ئوقۇلسا جىسمانىي كېسەللەرگىمۇ شىپا بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرگە رەھمەتتۇر. بۇ قۇرئان كاپىرلارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاننى ئاڭلاش ئۇلارنى ئاچچىق يۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ بەك ئىنكار قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 17

وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسٗا

بىز ئىنسانغا ساقلىق ۋە بايلىققا ئوخشاش تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلساق، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، تەكەببۇرلۇقىدىن (ھەقتىن تېخىمۇ) يىراقلاپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىككە ئوخشاش بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، قايغۇغا پاتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 17

قُلۡ كُلّٞ يَعۡمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِۦ فَرَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَنۡ هُوَ أَهۡدَىٰ سَبِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەر ئىنسان ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئۆزى بىلگەنچە ئەمەل قىلسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 17

وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنۡ أَمۡرِ رَبِّي وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ إِلَّا قَلِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئۇلارغا: روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەرگە ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا بېرىلگەن ئىلىم ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە نەرسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 17

وَلَئِن شِئۡنَا لَنَذۡهَبَنَّ بِٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيۡنَا وَكِيلًا

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى دىللاردىن ۋە مۇسھەپلەردىن يوق قىلىۋېتىشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق، ئاندىن سەن ئۆزۈڭگە ياردەملىشىپ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايتتىڭ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• في الآيات دليل على شدة افتقار العبد إلى تثبيت الله إياه، وأنه ينبغي له ألا يزال مُتَمَلِّقًا لربه أن يثبته على الإيمان.
بۇ ئايەتلەردە بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ مەدىتىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا بەندە پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىگە دەلىل بار. info

• عند ظهور الحق يَضْمَحِل الباطل، ولا يعلو الباطل إلا في الأزمنة والأمكنة التي يكسل فيها أهل الحق.
ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندا باتىل يوقىلىدۇ، باتىل پەقەت ھەق تەرەپدارلىرى يالقاۋلاشقان ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. info

• الشفاء الذي تضمنه القرآن عام لشفاء القلوب من الشُّبَه، والجهالة، والآراء الفاسدة، والانحراف السيئ والمقاصد السيئة.
قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان شىپالىق قەلبلەردىكى گۇمانغا، نادانلىققا، بۇزۇق پىكىرلەرگە، ئېغىر دەرىجىدە ھەقتىن چەتنەپ كېتىش ۋە يامان نىيەتلەرگە شىپا بولۇشتا ئومۇمىيدۇر. info

• في الآيات دليل على أن المسؤول إذا سئل عن أمر ليس في مصلحة السائل فالأولى أن يعرض عن جوابه، ويدله على ما يحتاج إليه، ويرشده إلى ما ينفعه.
بۇ ئايەتلەردە يەنە سوئال سورىغۇچى ئۆزىنىڭ بىرەر مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش ھەققىدە سوئال سورىغان بولسا، سورالغۇچى ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، سوئال سورىغۇچىنى ئەمەلىيەتتە ئېھتىياجلىق بولغان تەرەپكە يېتەكلەپ، ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىشنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. info