വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
71 : 15

قَالَ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِيٓ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ

لۇت ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرى ئالدىدا ئۆزۈر ئېيتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارمۇ بۇنىڭ قاتارىدىن، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلساڭلار ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 15

لَعَمۡرُكَ إِنَّهُمۡ لَفِي سَكۡرَتِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى: ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ شەيتانىي شەھۋىتىنىڭ ئاسارىتىدە تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
73 : 15

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُشۡرِقِينَ

كۈن چىقىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا ھالاك قىلغۇچى دەھشەتلىك چۇقان .يۈزلەندى info
التفاسير:

external-link copy
74 : 15

فَجَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٍ

بىز ئۇلارنىڭ شەھرىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا ئۆرىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن قاتۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 15

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُتَوَسِّمِينَ

ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ھالاكەتلىك ئازابتا، تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 15

وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٖ مُّقِيمٍ

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى ياشىغان شەھەر يول ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۇ شەھەرنى كۆرۈپ ئۆتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 15

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

.ئاشۇ ھادىسىدە مۆئمىنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەت ئالىدىغان ئىشلار بار info
التفاسير:

external-link copy
78 : 15

وَإِن كَانَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ لَظَٰلِمِينَ

ھەقىقەتەن قويۇق بوستانلىق بولغان شەھەر ئاھالىسى بولغان شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن .ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىدى info
التفاسير:

external-link copy
79 : 15

فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٖ مُّبِينٖ

ئۇلاردىن ئىنتىقام ئىلىش بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ يۇرتى ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ .تۇرالغۇلىرى ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئوچۇق بولغان يول ئۈستىدىدۇر info
التفاسير:

external-link copy
80 : 15

وَلَقَدۡ كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡحِجۡرِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمى يەنى ئۇلار ھىجاز بىلەن شام ئارىسىدىكى ھىجىر ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 15

وَءَاتَيۡنَٰهُمۡ ءَايَٰتِنَا فَكَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ

بىز پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بەردۇق، ئۇ تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ مۆجىزىدىن ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 15

وَكَانُواْ يَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ

ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئازابتىن خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆيلەرنى .ياسايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
83 : 15

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُصۡبِحِينَ

كۈن چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى قاتتىق چوقانلىق ئازاب تۇتتى. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 15

فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

ئۇلارنىڭ كەسىپ قىلىپ تاپقان ماللىرى ۋە ياسىغان ئۆيلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 15

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞۖ فَٱصۡفَحِ ٱلصَّفۡحَ ٱلۡجَمِيلَ

بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەتسىز ياكى بىكارغا ياراتمىدۇق، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولىشى قەتئىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن يۈز ئۆرىگىن ۋە ئۇلارنى .چېرايلىقچە ئەپۇ قىلغىن info
التفاسير:

external-link copy
86 : 15

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 15

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ

ھەقىقەتەن ساڭا كاتتا قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك پاتىھە .سۈرىسىنى بەردۇق info
التفاسير:

external-link copy
88 : 15

لَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ

بىزنىڭ بەزى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلغان يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، مۆئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 15

وَقُلۡ إِنِّيٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلۡمُبِينُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 15

كَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَى ٱلۡمُقۡتَسِمِينَ

ئاللاھنىڭ كىتابىنى پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە كۇپۇر قىلغان) نازىل قىلىنغان ئازابنىڭ ئوخشىشى سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• أن الله تعالى إذا أراد أن يهلك قرية ازداد شرهم وطغيانهم، فإذا انتهى أوقع بهم من العقوبات ما يستحقونه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ بىرەر شەھەرنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشنى خالىسا، ئۇلارنىڭ ناچارلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىنى زىيادە قىلىدۇ، چىكىگە .يەتكەندە ئۇلارغا ھەقلىق بولغان ئازابنى چۈشۈرىدۇ info

• كراهة دخول مواطن العذاب، ومثلها دخول مقابر الكفار، فإن دخل الإنسان إلى تلك المواضع والمقابر فعليه الإسراع.
ئازاب چۈشكەن ئورۇنلارغا كېرىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغىمۇ كېرىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، ئىنسان مۇشۇنداق ئورۇن ۋە قەبرىستانلىقلارغا كېرىپ قالغاندا تىزدىن چېقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ. info

• ينبغي للمؤمن ألا ينظر إلى زخارف الدنيا وزهرتها، وأن ينظر إلى ما عند الله من العطاء.
مۇئمىن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس زىبۇ-زىننىتىگە قارىماستىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەييار قىلىنغان چەكسىز نىئمەتلىرىگە قارىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. info

• على المؤمن أن يكون بعيدًا من المشركين، ولا يحزن إن لم يؤمنوا، قريبًا من المؤمنين، متواضعًا لهم، محبًّا لهم ولو كانوا فقراء.
مۆئمىنلار مۇشرىكلاردىن يىراق تۇرىشى، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا قايغۇرماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا، كەمتەرلىك بىلەن مۆئمىنلەر كەمبەغەل بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا يېقىنچىلىق كۆرسىتىپ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم. info