വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
29 : 13

ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ طُوبَىٰ لَهُمۡ وَحُسۡنُ مَـَٔابٖ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاشۇ كىشىلەر ئاخىرەتتە ياخشى تۇرمۇشقا ھەمدە جەننەتتىن ئىبارەت ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 13

كَذَٰلِكَ أَرۡسَلۡنَٰكَ فِيٓ أُمَّةٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهَآ أُمَمٞ لِّتَتۡلُوَاْ عَلَيۡهِمُ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَهُمۡ يَكۡفُرُونَ بِٱلرَّحۡمَٰنِۚ قُلۡ هُوَ رَبِّي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ مَتَابِ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاش، ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئوقۇپ بەرسۇن دەپ سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. چۈنكى قۇرئان سېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر. لېكىن قەۋمىڭنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا ئۇلار بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېھىر - شەپقىتى چەكسىز ئاللاھ تائالاغا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كاپىر بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر باشقىسىنى شېرىك قىلىۋاتقان مېھىر - شەپقىتى چەكسىز زات مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق ھېچ بىرى يوقتۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 13

وَلَوۡ أَنَّ قُرۡءَانٗا سُيِّرَتۡ بِهِ ٱلۡجِبَالُ أَوۡ قُطِّعَتۡ بِهِ ٱلۡأَرۡضُ أَوۡ كُلِّمَ بِهِ ٱلۡمَوۡتَىٰۗ بَل لِّلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ جَمِيعًاۗ أَفَلَمۡ يَاْيۡـَٔسِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن لَّوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَهَدَى ٱلنَّاسَ جَمِيعٗاۗ وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُواْ قَارِعَةٌ أَوۡ تَحُلُّ قَرِيبٗا مِّن دَارِهِمۡ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ وَعۡدُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ

مۇبادا ئىلاھىي كىتابلار ئىچىدىن مەلۇم بىر كىتابنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، ئۇ كىتاب تىلاۋەت قىلىنسا تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ياكى زېمىن يېرىلىپ، ئۆستەڭلەر ۋە بۇلاقلار ئېقىپ كېتىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەرگە ئوقۇلسا ئۆلۈكلەر تىرىلىپ كېتىدىغان بولسا ئىدى، ئەي پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىنتايىن روشەن ھەم تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك پاكىت ئىدى. كاشكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا تەقۋادارلىق بولسىچۇ! لېكىن ئۇلار ئىنكارچىلاردۇر. مۆجىزىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرۈشتە بارچە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بىلمەمدۇكى، ئەگەر ئاللاھ ھېچبىر ئايەت نازىل قىلماستىن پۈتۈن ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرى ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئېغىر خاپىلىقلار يېتىپ تۇرىدۇ ياكى ئاشۇ ئېغىر خاپىلىقلار ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلارغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. نىھايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۈزلۈكسىز ئازابنى چۈشۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ۋاقىت كەلگەندە، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بېكىتىلگەن ۋاقتى كەلگەن ئازابنى چۈشۈرۈش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 13

وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَمۡلَيۡتُ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ ثُمَّ أَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ عِقَابِ

ئەي پەيغەمبەر! سەن قەۋمىنىڭ ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە يالغانغا چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا مۆھلەت بەرسەم، ئۇلار مېنى ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى. ئاندىن مەن ئۇلارغا بىر مەزگىل مۆھلەت بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنى تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدىم. ئۇلارنى قانداق ئازابلىغانلىقىمنى كۆردۈڭغۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئازاب ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 13

أَفَمَنۡ هُوَ قَآئِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۗ وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ قُلۡ سَمُّوهُمۡۚ أَمۡ تُنَبِّـُٔونَهُۥ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَم بِظَٰهِرٖ مِّنَ ٱلۡقَوۡلِۗ بَلۡ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ مَكۡرُهُمۡ وَصُدُّواْ عَنِ ٱلسَّبِيلِۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ

بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ رىزقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ھەر كىمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان زات قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىقراقمۇ ياكى قۇلچىلىق قىلىنىشقا قىلچە سالاھىيىتى يوق مۇشۇ بۇتلار لايىقمۇ؟ ھالبۇكى كاپىرلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ۋە ئاللاھقا بوھتان قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ بىلەن قوشۇپ چوقۇنغان شېرىكلىرىڭلارنى بىزگە دەپ بېقىڭلار ياكى سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان شېرىكلىرىڭلار بار دېمەكچىمۇ؟ ياكى چىنلىقى يوق قۇرۇق گەپنى دەۋاتامسىلەر؟ شەيتان كاپىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولدى ھەمدە ئاللاھمۇ ئۇلارنى توغرا يولدىن ۋە ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ كىمنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 13

لَّهُمۡ عَذَابٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَشَقُّۖ وَمَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٖ

ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىلا مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش ئارقىلىق ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرەتنىڭ ئازابى ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق ھەم دۇنيا ئازابىدىن تولىمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى ئۇ ئازاب ئۈزلۈكسىز ھەم قاتتىق بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالايدىغان ھىمايىچى بولمايدۇ. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• أن الأصل في كل كتاب منزل أنه جاء للهداية، وليس لاستنزال الآيات، فذاك أمر لله تعالى يقدره متى شاء وكيف شاء.
ئەسلىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ھەر قانداق كىتاب ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئىشى بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا، قانداق نازىل قىلىشنى ئاللاھ ئۆزى بېكىتىدۇ. info

• تسلية الله تعالى للنبي صلى الله عليه وسلم، وإحاطته علمًا أن ما يسلكه معه المشركون من طرق التكذيب، واجهه أنبياء سابقون.
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىش يۈزىسىدىن مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. info

• يصل الشيطان في إضلال بعض العباد إلى أن يزين لهم ما يعملونه من المعاصي والإفساد.
شەيتان بەزى كىشىلەرنى ئازدۇرۇشتا شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇكى، ئۇلار قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ. info