ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಮುಹಮ್ಮದ್ ಸಾಲಿಹ್

نەھل

external-link copy
1 : 16

أَتَىٰٓ أَمۡرُ ٱللَّهِ فَلَا تَسۡتَعۡجِلُوهُۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 16

يُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ بِٱلرُّوحِ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرُوٓاْ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱتَّقُونِ

ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار»[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 16

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ تَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 16

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ

ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇ بولسا (ئاللاھقا) ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 16

وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ

ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 16

وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ

ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ)[6]. info
التفاسير: