ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ:close

external-link copy
41 : 8

۞ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا يَوۡمَ ٱلۡفُرۡقَانِ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

ئى مۆمىنلەر! بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىڭلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەت بەشكە بۆلىنىدۇ، بەشنىڭ تۆت ئۆلۈشى مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ، قالغان بەشدىن بىر ئۆلۈشى يەنە بەشكە بۆلىنىدۇ. بىر ئۆلۈشى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىبكە تەۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى يېتىملارغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى كەمبەغەل مىسكىنلارغا بېرىلىدۇ. يەنە بىر ئۆلۈشى سەپەر جەريانىدا مال-مۈلكتىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىپ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان بەدرى كۈنىدە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغان ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 8

إِذۡ أَنتُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلۡقُصۡوَىٰ وَٱلرَّكۡبُ أَسۡفَلَ مِنكُمۡۚ وَلَوۡ تَوَاعَدتُّمۡ لَٱخۡتَلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡمِيعَٰدِ وَلَٰكِن لِّيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗا لِّيَهۡلِكَ مَنۡ هَلَكَ عَنۢ بَيِّنَةٖ وَيَحۡيَىٰ مَنۡ حَيَّ عَنۢ بَيِّنَةٖۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ

ئەينى چاغدا سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە، مۇشرىكلار مەككىگە يېقىن( مەدىنىگە ) يىراق تەرىپىدە، كارۋان قىزىل دېڭىز ساھىلىغا يېقىن يەردە سىلەردىن تۆۋەن جايدا ئىكەنلىكىنى يادىڭلارغا ئېلىڭلار. ئەگەر سىلەر مۇشرىكلار بىلەن بەدرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن بولساڭلار ئۆز-ئارا خلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىپ، كاپىرلارنى خارلاش، ئۆز دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، شىرىكنى خار قىلىشدىن ئىبارەت مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى بەدرىدە (مۇشرىكلار بىلەن) ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى. ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاك بولىدىغانلارنىڭ مۆئمىنلەرنىڭ تەييارلىقى ۋە سانى ئاز بولسىمۇ كاپىرلارغا قارشى غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ھۆججەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆلۈشى، ھەتتا ھايات قالغانلارنىڭمۇ ئاللاھ كۆرسەتكەن ھۆججەت ۋە ئىسپاتنى كۆرۈشى بولسا، ھېچ بىر ئادەمنىڭ ئاللاھ ئالدىدا كەلتۈرىدىغان دەلىل ئىسپاتى قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللەرگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 8

إِذۡ يُرِيكَهُمُ ٱللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلٗاۖ وَلَوۡ أَرَىٰكَهُمۡ كَثِيرٗا لَّفَشِلۡتُمۡ وَلَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ سَلَّمَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە مۆئمىنلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى يادىڭغا ئالغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ساڭا چۈشۈڭدە مۇشرىكلارنىڭ سانىنى ئاز كۆرسەتتى، مۆئمىنلەرنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلدىڭ، ئۇلار خۇش بىشارەت ئالدى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىرادىلىرى كۈچەيدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا ساڭا چۈشۈڭدە ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا ئىدى ساھابىلىرىڭنىڭ ئىرادىسى بوشاپ، ئۇرۇش قىلىشتىن قورقاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭدىن ساقلاپ مەغلۇبىيەتتىن قۇتقازدى. ئاللاھ دۇشمەنلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتتى. شۈبھىسىزكى ئاللاھ قەلبلەردىكىنى ۋە كۆڭۈللەردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 8

وَإِذۡ يُرِيكُمُوهُمۡ إِذِ ٱلۡتَقَيۡتُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِكُمۡ قَلِيلٗا وَيُقَلِّلُكُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِهِمۡ لِيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗاۗ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ

ئى مۆئمىنلەر! شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق مۇشرىكلەردىن ئېنتىقام ئېلىش، دۈشمەنلەرگە قارشى مۆئمىنلەرگە زەپەر ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشرىكلار بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا سىلەرگە ئۇلارنى ئاز كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا سىلەرگە جۈرئەت ئاتا قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە سىلەرنى ئاز كۆرسىتىپ ئۇلار ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قايتىشنى ئويلاشماستىن سىلەر تەرەپكە كەلدى. بارلىق ئىشلار يەككە-يېگانە ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرىلىدۇ. ئاللاھ يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىقىغا كۆرە، ياخشىلىق قىلغۇچىغا ياخشىلىق قىلغىنىغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
45 : 8

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمۡ فِئَةٗ فَٱثۡبُتُواْ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! كاپىرلاردىن بىر جامائەت بىلەن ئۇرۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، قورقماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلەپ قىلغىنىڭلارنى ئاتا قىلىپ، ھەزەر ئەيلىگىنىڭلاردىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىشكە قادىردۇر. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الغنائم لله يجعلها حيث شاء بالكيفية التي يريد، فليس لأحد شأن في ذلك.
غەنىمەتلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان بويۇنچە ۋە ئىرادە قىلغان يەرگە تەقسىم قىلىدۇ. بۇنىڭغا ھېچبىر ئادەمنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقتۇر. info

• من أسباب النصر تدبير الله للمؤمنين بما يعينهم على النصر، والصبر والثبات والإكثار من ذكر الله.
ئاللاھنىڭ مۆئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىغا ياردىمى تېگىدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ( مۆئمىنلەرنىڭ ) چىدامچان بولىشى، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشى غەلبىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• قضاء الله نافذ وحكمته بالغة وهي الخير لعباد الله وللأمة كلها.
ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ چەكسىزلىكى بولسا، بەندىلەرگە ۋە پۈتۈن ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ ئېھسانىدۇر. info