ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ:close

external-link copy
20 : 75

كَلَّا بَلۡ تُحِبُّونَ ٱلۡعَاجِلَةَ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش سىلەر دەۋا قىلغاندەك ئىمكانىسز ئىش ئەمەس. سىلەر ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىنمۇ قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. لېكىن سىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى سىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۈم چۈشكەنلىكىڭلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 75

وَتَذَرُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ

سىلەرنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھ بۇيرۇغان تائەت - ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن يېنىش بولغان ئاخىرەت ھاياتىنى تەرك ئەتكەنلىكىڭلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 75

وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاضِرَةٌ

بۇ كۈندە ئىمان ئەھلى ۋە سائادەتمەنلەرنىڭ چىرايلىرى خۇشخۇي، نۇرلۇق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 75

إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٞ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ جامالىغا قاراپ ھۇزۇرلانغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 75

وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذِۭ بَاسِرَةٞ

ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى تۇتۇق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 75

تَظُنُّ أَن يُفۡعَلَ بِهَا فَاقِرَةٞ

ئۇلار ئۆزلىرىگە قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ۋە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 75

كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِيَ

ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 75

وَقِيلَ مَنۡۜ رَاقٖ

ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 75

وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلۡفِرَاقُ

سەكراتقا چۈشكەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈم بىلەن تەڭ دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 75

وَٱلۡتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ

دۇنيادىكى مىنۇتلىرى ئاخىرلىشىپ، ئاخىرەت باشلانغان چاغدا بارچە خاپىلىقلار توپلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 75

إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمَسَاقُ

بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېيت پەرۋەردىگارى تەرەپكە ئاپىرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 75

فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ

بۇ كاپىر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىشەنمىدى، ئاللاھ ئۈچۈن نامازمۇ ئوقۇمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 75

وَلَٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ

لېكىن ئۇ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 75

ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ

ئاندىن بۇ كاپىر ناھايتى تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدەيگىنىچە ئۆيىگە قايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 75

أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰ

ئاللاھ بۇ كاپىرغا قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئازابنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 75

ثُمَّ أَوۡلَىٰ لَكَ فَأَوۡلَىٰٓ

ئاندىن تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ جۈملىنى قايتا تەكرارلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 75

أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَن يُتۡرَكَ سُدًى

ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇنى ھېچ قانداق بىر ئەمەلگە تەكلىپ قىلماستىن بىكار قويۇۋېتىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
37 : 75

أَلَمۡ يَكُ نُطۡفَةٗ مِّن مَّنِيّٖ يُمۡنَىٰ

بۇ ئىنسان بىر ۋاقىتلاردا بەچچىدانغا تۆكۈلگەن بىر تامچە مەنىي ئەمەسمىدى؟ info
التفاسير:

external-link copy
38 : 75

ثُمَّ كَانَ عَلَقَةٗ فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ

ئاندىن كېيىن قېتىشقان بىر پارچە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى مۇكەممەل ئىنسان قىلىپ ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 75

فَجَعَلَ مِنۡهُ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ

ئاللاھ مەنىيدىن ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تىپنى ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 75

أَلَيۡسَ ذَٰلِكَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰ

ئىنساننى مەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتقان زات ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنى قايتا يارىتىشقا قادىردۇر. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• خطر حب الدنيا والإعراض عن الآخرة.
دۇنيانى دوست تۇتۇپ، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈش خەتەرلىكتۇر. info

• ثبوت الاختيار للإنسان، وهذا من تكريم الله له.
ئىنساننىڭ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىدۇر. info

• النظر لوجه الله الكريم من أعظم النعيم.
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش ئەڭ كاتتا نېئمەتلەردىندۇر. info