ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ:close

external-link copy
69 : 6

وَمَا عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَلَٰكِن ذِكۡرَىٰ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغۇچىلارغا زالىملارنىڭ گۇناھىدىن ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ. تەقۋادارلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت گۇناھكارلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان يامان ئىشلاردىن چەكلەشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
70 : 6

وَذَرِ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَهُمۡ لَعِبٗا وَلَهۡوٗا وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ وَذَكِّرۡ بِهِۦٓ أَن تُبۡسَلَ نَفۡسُۢ بِمَا كَسَبَتۡ لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ وَإِن تَعۡدِلۡ كُلَّ عَدۡلٖ لَّا يُؤۡخَذۡ مِنۡهَآۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أُبۡسِلُواْ بِمَا كَسَبُواْۖ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! دىنىنى ئويۇن-كۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ مۇشرىكلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇلار دىننى قانغۇچە مەسخىرە قىلىپ ئوينىۋالسۇن. ئۇلارنى بىر دەملىك نازۇ-نېئمەتلەرگە تولغان دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتتى. ئەي پەيغەمبەر! كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچبىر جان خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىپ ھالاكەتنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ياردەم تىلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا نە بىر دوستى، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان نە بىر شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەن ئاشۇ كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى سەۋەبلىك ئىنتايىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ ۋە دەرتلىك ئازاب بار. info
التفاسير:

external-link copy
71 : 6

قُلۡ أَنَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعۡقَابِنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِي ٱسۡتَهۡوَتۡهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِي ٱلۡأَرۡضِ حَيۡرَانَ لَهُۥٓ أَصۡحَٰبٞ يَدۡعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلۡهُدَى ٱئۡتِنَاۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۖ وَأُمِرۡنَا لِنُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ قانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز توغرا يول ئۈستىدىكى ھەمراھلىرى ھەقىقەتكە چاقىرىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن باش تارتقانلىقتىن شەيتانلار ئازدۇرۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدىغان چۆل-باياۋانغا تاشلىۋەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يولى شەكسىزكى ھەقىقىي توغرا يول بولۇپ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىش ھەمدە يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 6

وَأَنۡ أَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّقُوهُۚ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ

ئاللاھ تائالا بىزنى نامازلىرىمىزنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشقا، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا يەككە-يېگانە زاتتۇركى، قىيامەت كۈنى پۈتۈن بەندىلىرىنى ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن دەرگاھىغا توپلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
73 : 6

وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ وَيَوۡمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُۚ قَوۡلُهُ ٱلۡحَقُّۚ وَلَهُ ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتتى، ئۇ ھەر نەرسىگە: «ۋۇجۇدقا كەل» دېسىلا دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ چاغدا، يەنى قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: (قەبرەڭلاردىن) تۇرۇڭلار! دەيدۇ - دە، ھەممەيلەن شۇ ھامانلا تىرىلىپ قوپىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ راست سۆزىدۇركى، بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. بۇ چاغدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدۇ. ئاللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ يارىتىشىدا ۋە تەدبىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بارلىق مەخپىي ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشكارىغا ئوخشاشتۇر. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الداعية إلى الله تعالى ليس مسؤولًا عن محاسبة أحد، بل هو مسؤول عن التبليغ والتذكير.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ھېچكىمدىن ھېساب ئېلىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى، پەقەتلا ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى دىننى يەتكۈزۈش ۋە پەند-نەسىھەت قىلىش ئىكەنلكىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• الوعظ من أعظم وسائل إيقاظ الغافلين والمستكبرين.
ۋەز-نەسىھەت قىلىش بىخۇتلارنى ۋە تەكەببۇرلارنى سەگەكلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر. info

• من دلائل التوحيد: أن من لا يملك نفعًا ولا ضرًّا ولا تصرفًا، هو بالضرورة لا يستحق أن يكون إلهًا معبودًا.
پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىرىنىڭ، قەتئىي قۇلچىلىق قىلىنىدىغان ئىلاھ بولالمايدىغانلىقى تەۋھىدنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىدىن بىرىدۇر. info