ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ:close

external-link copy
32 : 52

أَمۡ تَأۡمُرُهُمۡ أَحۡلَٰمُهُم بِهَٰذَآۚ أَمۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ

ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ئۇلارنى: مۇھەممەد ھەقىقەتەن بىر كاھىن ياكى ساراڭدۇر، دېيىشكە بۇيرۇمدۇ؟ ئۇلارھېچكىمدە بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولمايدىغان ئىككى سۈپەتنى جۇغلايدۇ. بەلكى ئۇلار چەكتىن ئاشقان قەۋمدۇركى، نە شەرىئەتكە، نە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 52

أَمۡ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥۚ بَل لَّا يُؤۡمِنُونَ

ياكى ئۇلار: مۇھەممەد بۇ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ چىققان، قۇرئان ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغىنى يوق، دەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئۇنى توقۇۋالغىنى يوق. ئەكسىچە ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ: ئۇنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 52

فَلۡيَأۡتُواْ بِحَدِيثٖ مِّثۡلِهِۦٓ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ

ئەگەر قۇرئان توقۇلما بولۇپ، ئۇلار قۇرئاننى مەھەممەد توقۇدى، دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا، شۇ قۇرئانغا ئوخشاش (توقۇلما) سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 52

أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ھېچقانداق ياراتقۇچىسىز يارىلىپ قالدىمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىمۇ؟ ھېچبىر مەخلۇقنىڭ ياراتقۇچىسىز بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ھېچبىر مەخلۇق ياراتقۇچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئىبادەت قىلمايدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
36 : 52

أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ

ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا چىن پۈتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 52

أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمۡ هُمُ ٱلۡمُصَۜيۡطِرُونَ

ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە رىزىق ھەم پەيغەمبەرلىكنى بېرىپ، خالىغان كىشىگە بەرمەيۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە باشقۇرالايدىغان ھۆكۈمرانلارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
38 : 52

أَمۡ لَهُمۡ سُلَّمٞ يَسۡتَمِعُونَ فِيهِۖ فَلۡيَأۡتِ مُسۡتَمِعُهُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ

ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتىسى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى تىڭشامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ۋەھىينى تىڭشىغانلار بولسا، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى زادى ھەقىقەت ئۈستىدە دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىت كەلتۈرۈپ باقسۇنچۇ!؟ info
التفاسير:

external-link copy
39 : 52

أَمۡ لَهُ ٱلۡبَنَٰتُ وَلَكُمُ ٱلۡبَنُونَ

ياكى سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان قىزلار ئاللاھقا، ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە تەئەللۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
40 : 52

أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ياكى سەن ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە ھەق تەلەپ قىلىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك يۈك ئارتىلىپ قالدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 52

أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ

ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيبنىڭ ئىلمى بولۇپ، ئىنسانلارغا ئۆزلىرى خەۋەردار بولغان غەيبلەرنى يېزىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان ئىشتىن خەۋەردار قىلىۋاتامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
42 : 52

أَمۡ يُرِيدُونَ كَيۡدٗاۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هُمُ ٱلۡمَكِيدُونَ

ياكى ئۇ ئىنكارچىلار ساڭا ۋە سېنىڭ دىنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچىمۇ؟ ھاسىل كالام، سەن ئاللاھقا ئىشەنچ باغلىغىن. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ سۇيىقەستى بەربات بولىدۇ، سەن ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 52

أَمۡ لَهُمۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ چاپلىغان شېرىكلىرىدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق، ئۇنداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 52

وَإِن يَرَوۡاْ كِسۡفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطٗا يَقُولُواْ سَحَابٞ مَّرۡكُومٞ

ئەگەر ئۇلار ئاسماندىن بىر پارچىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە: بۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بۇلۇتتۇر دەپ، پەند - نەسىھەت ئالمايدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 52

فَذَرۡهُمۡ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي فِيهِ يُصۡعَقُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى تاكى ئازابقا دۇچار بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقىدا قويغىن. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 52

يَوۡمَ لَا يُغۡنِي عَنۡهُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ

ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ، ئازابتىن قۇتقۇزۇلۇش ئارقىلىق ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 52

وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

شەكسىزكى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنمۇ ئازاب بار. يەنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن، بەرزەختە قەبرە ئازابى بىلەن ئازابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۇپرىسىدا ئىزچىل تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 52

وَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعۡيُنِنَاۖ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئۇنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە سەۋرچان بولغىن. چۈنكى سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىزدە سەن. ئۇيقۇڭدىن ئويغانغىنىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق تەسبىھ ئېيتقىن. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 52

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَإِدۡبَٰرَ ٱلنُّجُومِ

كېچىدىمۇ پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىن تاڭ يورۇغاندا بامدات نامىزىنى ئوقۇغىن. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الطغيان سبب من أسباب الضلال.
ھەددىدىن ئېشىش گۇمراھلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info

• أهمية الجدال العقلي في إثبات حقائق الدين.
دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلىي مۇنازىرىلىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• ثبوت عذاب البَرْزَخ.
بەرزەخ ئازابىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر. info