ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

external-link copy
13 : 45

وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مِّنۡهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسمانلاردىكى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى، زېمىندىكى دەريالارنى، دەل - دەرەخلەرنى، تاغلارنى ۋە باشقا ساناقسىز نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈزگۈزىدىغان ۋە ئۇلاردىن پەند - نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر باردۇر. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الكذب والإصرار على الذنب والكبر والاستهزاء بآيات الله: صفات أهل الضلال، وقد توعد الله المتصف بها.
يالغانچىلىق ھەمدە گۇناھ - مەئسىيەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ (قاتتىق ئازاب بىلەن) تەھدىت قىلغان. info

• نعم الله على عباده كثيرة، ومنها تسخير ما في الكون لهم.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى كۆپتۇر، كائىناتتىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• النعم تقتضي من العباد شكر المعبود الذي منحهم إياها.
نېمەتلەر بەندىلەردىن ئۆزلىرىگە شۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ھەقىقىي مەبۇدقا شۈكۈر ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. info