ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
13 : 96

أَرَءَيۡتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ

قېنى ئېيتقىنا، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ توسقۇچى ئاللاھتىن قورقمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
14 : 96

أَلَمۡ يَعۡلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ

بۇ بەندىنى نامازدىن توسقان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
15 : 96

كَلَّا لَئِن لَّمۡ يَنتَهِ لَنَسۡفَعَۢا بِٱلنَّاصِيَةِ

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئەگەر ئۇ بەندىمىزگە ئەزىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن توختىمىسا، بىز چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 96

نَاصِيَةٖ كَٰذِبَةٍ خَاطِئَةٖ

ئاشۇ كوكۇلا چاچنىڭ ئىگىسى سۆزىدە يالغانچى، ئىشىدا خاتالاشقۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 96

فَلۡيَدۡعُ نَادِيَهُۥ

ئۇ كوكۇلىسىدىن تۇتۇلغان چاغدا دوزاختىكى ھەمراھلىرىنى ۋە سورۇنداشلىرىنى ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ باقسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 96

سَنَدۡعُ ٱلزَّبَانِيَةَ

بىزمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرۇلغاننى قىلىدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەرنى چاقىرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ قايسى كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 96

كَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ زالىم ئويلىغاندەك ئۇنىڭغا ھېچبىر خاپىلىق يەتمەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا مەيلى بۇيرۇقتا، مەيلى چەكلىمىدە ئۇنىڭغا بويسۇنما، ئاللاھقا سەجدە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىن. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• فضل ليلة القدر على سائر ليالي العام.
قەدرى كېچىسى باشقا بارلىق كېچىلەردىن پەزىلەتلىكتۇر. info

• الإخلاص في العبادة من شروط قَبولها.
ئىبادەتتە ئىخلاس قىلىش ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. info

• اتفاق الشرائع في الأصول مَدعاة لقبول الرسالة.
پۈتۈن شەرىئەتلەرنىڭ ئەسلىنىڭ بىرلىكى پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. info