ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
10 : 92

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡعُسۡرَىٰ

بۇنداق ئادەمگە بىز يامان ئەمەللەرنى قولايلاشتۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 92

وَمَا يُغۡنِي عَنۡهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ

بۇ ئادەم ھالاك بولۇپ، دوزاخقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ بېخىللىق قىلىپ چىڭ تۇتقان مال - مۈلكى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 92

إِنَّ عَلَيۡنَا لَلۡهُدَىٰ

شەكسىزكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز توغرا يولنى خاتا يولدىن ئېنىق ئايرىپ بېرىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 92

وَإِنَّ لَنَا لَلۡأٓخِرَةَ وَٱلۡأُولَىٰ

ئاخىرەت ۋە بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇركى، بىز ئىككىلىسىدە ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىمىز. بىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 92

فَأَنذَرۡتُكُمۡ نَارٗا تَلَظَّىٰ

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 92

لَا يَصۡلَىٰهَآ إِلَّا ٱلۡأَشۡقَى

بۇ ئوتنىڭ ھارارىتىنى پەقەت كاپىر بولغان بەدبەخت ئادەملا تېتىيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 92

ٱلَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ

ئۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 92

وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلۡأَتۡقَى

ئەڭ تەقۋادار بولغان ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئوتتىن يىراق قىلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 92

ٱلَّذِي يُؤۡتِي مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ

ئۇ گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 92

وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعۡمَةٖ تُجۡزَىٰٓ

ئۇ مېلىنى بىراۋنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن سەرپ قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 92

إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِ ٱلۡأَعۡلَىٰ

ئۇ مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق پەقەت مەخلۇقاتلىرىدىن يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 92

وَلَسَوۡفَ يَرۡضَىٰ

ئۇ ئاللاھ بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلاردىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. info

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر. info