ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

غاشىيە

គោល​បំណងនៃជំពូក:
التذكير بالآخرة وما فيها من الثواب والعقاب، والنظر في براهين قدرة الله.
ئاخىرەتنى ۋە ئاخىرەتتىكى ساۋاپ، جازانى ئەسلىتىش، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قىلىدىغان دەلىللەرگە نەزەر سېلىش. info

external-link copy
1 : 88

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡغَٰشِيَةِ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا قورقۇنچلۇق ھالەتلىرى ئىنسانلارنى تەرەپ - تەرەپتىن قورشىۋالغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
2 : 88

وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ خَٰشِعَةٌ

قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار يا بەدبەخت بولىدۇ يا بەختلىك بولىدۇ. بەدبەختلەرنىڭ چىرايلىرى ناھايىتى بىچارە، خار بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 88

عَامِلَةٞ نَّاصِبَةٞ

بەدبەختلەر سۆرىلىپ تۇرىدىغان زەنجىرلەر ۋە باغلىنىدىغان كىشەنلەر سەۋەبىدىن چارچاپ ھالىدىن كەتكۈچىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 88

تَصۡلَىٰ نَارًا حَامِيَةٗ

ئاشۇ ئادەملەر ھارارىتى قاتتىق بولغان قىززىق ئوتقا كىرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 88

تُسۡقَىٰ مِنۡ عَيۡنٍ ءَانِيَةٖ

تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇلاقنىڭ سۈيىدىن سۇغىرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 88

لَّيۡسَ لَهُمۡ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٖ

ئۇلار غىزالىنىدىغانغا شىبرىق دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرۇغاندا زەھەرگە ئايلىنىدىغان ئەڭ نىجىس، ئەڭ سېسىق بىر خىل ئۆسۈملۈكتىن باشقا ھېچقاندا يېمەكلىك بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 88

لَّا يُسۡمِنُ وَلَا يُغۡنِي مِن جُوعٖ

ئۇ ئۆسۈملۈك يېگۈچىنى يا سەمرىتمەيدۇ، يا ئاچلىقىنى پەسەيتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 88

وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ نَّاعِمَةٞ

ئۇ كۈندە نۇرغۇن بەختلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە شاد - خۇراملىققا چۆمىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 88

لِّسَعۡيِهَا رَاضِيَةٞ

ئۇلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن مەمنۇن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلىنىپ ساقلانغانلىقىنى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 88

فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 88

لَّا تَسۡمَعُ فِيهَا لَٰغِيَةٗ

جەننەتتە چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاساسسىز، بىكار گەپمۇ ئاڭلىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 88

فِيهَا عَيۡنٞ جَارِيَةٞ

بۇ جەننەتتە سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىپ، داۋاملىق ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 88

فِيهَا سُرُرٞ مَّرۡفُوعَةٞ

ئۇ جەننەتتە ئېگىز كارىۋاتلار بار. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 88

وَأَكۡوَابٞ مَّوۡضُوعَةٞ

ئىچىملىك ئۈچۈن قاتار تىزىلغان قەدەھلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 88

وَنَمَارِقُ مَصۡفُوفَةٞ

يانمۇيان، رەتلىك تىزىلغان ياستۇقلار بار. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 88

وَزَرَابِيُّ مَبۡثُوثَةٌ

ھەممە يەردە سېلىنغان بىساتلار بار. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 88

أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلۡإِبِلِ كَيۡفَ خُلِقَتۡ

ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆگىنى قانداق ياراتقانلىقىغا ۋە ئۇنى ئادەمزاتقا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قارىمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
18 : 88

وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ رُفِعَتۡ

ئۇلار ئاسماننىڭ قانداق ئېگىز بىنا قىلىنغانلىقىغا قارىمامدۇكى، ئاسمان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلانغان بىر ئۆگزە ھالىتىدە بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 88

وَإِلَى ٱلۡجِبَالِ كَيۡفَ نُصِبَتۡ

تاغلارنىڭ قانداق تىكلىنىپ، زېمىننىڭ ئىنسانلارنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن شۇ تاغلار ئارقىلىق قانداق مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىغا قارىمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
20 : 88

وَإِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَيۡفَ سُطِحَتۡ

زېمىننىڭ قانداق يېيىلغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە يەرلىشىشى ئۈچۈن قانداق تەييارلانغانلىقىغا قارىمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
21 : 88

فَذَكِّرۡ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٞ

ئەي پەيغەمبەر! بۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىن. سەن پەقەت ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەندىن پەقەت ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇ ئىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 88

لَّسۡتَ عَلَيۡهِم بِمُصَيۡطِرٍ

سەن ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلاشقا مەسئۇل ئەمەسسەن. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أهمية تطهير النفس من الخبائث الظاهرة والباطنة.
كۆڭۈلنى سىرتقى ۋە ئىچكى نىجاسەتلەردىن پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم. info

• الاستدلال بالمخلوقات على وجود الخالق وعظمته.
ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا مەخلۇقاتلار دەلىل قىلىنىدۇ. info

• مهمة الداعية الدعوة، لا حمل الناس على الهداية؛ لأن الهداية بيد الله.
دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت دەۋەت قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەتكە زورلاش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. info