ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
20 : 77

أَلَمۡ نَخۡلُقكُّم مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ

ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى مەنىيدىن ئىبارەت ئەرزىمەس سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
21 : 77

فَجَعَلۡنَٰهُ فِي قَرَارٖ مَّكِينٍ

ئاشۇ ئەرزىمەس سۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى ھامىلدارلىق مۇددىتىگىچە پۇختا ئورۇنغا، يەنى ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 77

إِلَىٰ قَدَرٖ مَّعۡلُومٖ

ئاشۇ ئەرزىمەس سۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى ھامىلدارلىق مۇددىتىگىچە پۇختا ئورۇنغا، يەنى ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 77

فَقَدَرۡنَا فَنِعۡمَ ٱلۡقَٰدِرُونَ

بوۋاقنىڭ قانداقلىقى، تەقدىرى، رەڭگى ۋە باشقا ئىشلارنى بەلگىلىدۇق. بىز ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە قادىر بولغۇچىلارمىز. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 77

أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ كِفَاتًا

زېمىننى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
26 : 77

أَحۡيَآءٗ وَأَمۡوَٰتٗا

زېمىن ئۈستىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋات قىلىدىغان تىرىك ئىنسانلارنىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىنغان ئۆلۈك ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 77

وَجَعَلۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ شَٰمِخَٰتٖ وَأَسۡقَيۡنَٰكُم مَّآءٗ فُرَاتٗا

بىز زېمىندا مۇستەھكەم، يۈكسەك تاغلارنى ياراتتۇقكى، ئۇ تاغلار زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق. ئاشۇلارنى ياراتقان زات سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 77

ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا دېيىلىدۇكى، ئەي ئىنكارچىلار! سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان ئازاب تەرەپكە مېڭىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 77

ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ ظِلّٖ ذِي ثَلَٰثِ شُعَبٖ

دوزاخنىڭ تۈتۈنلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۈچ شاخلىق سايە تەرەپكە بېرىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 77

لَّا ظَلِيلٖ وَلَا يُغۡنِي مِنَ ٱللَّهَبِ

ئۇنىڭدا سايىنىڭ سالقىنلىقىمۇ يوق، دوزاخنىڭ يالقۇنى ۋە ھارارىتىنىڭ سىلەرگە كېلىشىنىمۇ توسالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 77

إِنَّهَا تَرۡمِي بِشَرَرٖ كَٱلۡقَصۡرِ

ھەقىقەتەن ئوت ئۇچقۇنلار چاچىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئۇچقۇن چوڭلۇقتا كاتتا ئوردىغا ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 77

كَأَنَّهُۥ جِمَٰلَتٞ صُفۡرٞ

گوياكى ئۇ چاچقان ئۇ ئۇچقۇنلار قارىلىقى ۋە چوڭلۇقىدا قارا تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 77

هَٰذَا يَوۡمُ لَا يَنطِقُونَ

بۇ كۈندە ئۇلار ھېچ نەرسىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 77

وَلَا يُؤۡذَنُ لَهُمۡ فَيَعۡتَذِرُونَ

ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھلىرىنى ئاقلاپ پەرۋەردىگارىغا باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 77

هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِۖ جَمَعۡنَٰكُمۡ وَٱلۡأَوَّلِينَ

بۇ پۈتۈن خالايىقلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 77

فَإِن كَانَ لَكُمۡ كَيۡدٞ فَكِيدُونِ

ئەگەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا چارە - تەدبىرىڭلار بولسا، قېنى شۇ چارەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ بېقىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 77

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي ظِلَٰلٖ وَعُيُونٖ

ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتنىڭ بۈك - باراقسان دەرەخلىرىنىڭ سايىسىدا، ئېقىپ تۇرىدىغان تاتلىق سۇلۇق بۇلاقلارنىڭ بويىدا ياشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 77

وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشۡتَهُونَ

ئۇلار كۆڭۈللىرى تارتقان مېۋىلەردىن يەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 77

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇلارغا دېيىلىدۇكى، دۇنيادا قىلغان سالىھ ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن زىيانسىز بولغان پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىڭىشلىك شاراپلارنى ئىچىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 77

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

ھەقىقەتەن بىز بارلىق ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنى سىلەرنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 77

كُلُواْ وَتَمَتَّعُواْ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجۡرِمُونَ

ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارغا دېيىلىدۇكى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا يەپ - ئىچىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى سۈرۈڭلار. سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبلىك گۇناھقا پاتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق قىيامەت كۈنىدىكى جازانى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 77

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرۡكَعُواْ لَا يَرۡكَعُونَ

ناۋادا بۇ ئىنكارچىلارغا: ناماز ئوقۇڭلار دېيىلسە، ناماز ئوقۇمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 77

وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 77

فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• رعاية الله للإنسان في بطن أمه.
ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتىن تارتىپ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. info

• اتساع الأرض لمن عليها من الأحياء، ولمن فيها من الأموات.
زېمىن ئۈستىدە ياشايدىغان جانلىقلارنىمۇ، ئاستىدىكى ئۆلۈكلەرنىمۇ سىغدۇرىدۇ. info

• خطورة التكذيب بآيات الله والوعيد الشديد لمن فعل ذلك.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۇنداق قىلغانلارغا قاتتىق تەھدىتكە دۇچار بولىدۇ. info