ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

مۇدەسسىر

គោល​បំណងនៃជំពូក:
الأمر بالاجتهاد في دعوة المكذبين، وإنذارهم بالآخرة والقرآن.
ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى دەۋەت قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش، ئۇلارنى ئاخىرەت بىلەن ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇش. info

external-link copy
1 : 74

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُدَّثِّرُ

ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى). info
التفاسير:

external-link copy
2 : 74

قُمۡ فَأَنذِرۡ

دەس تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر! info
التفاسير:

external-link copy
3 : 74

وَرَبَّكَ فَكَبِّرۡ

پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا! info
التفاسير:

external-link copy
4 : 74

وَثِيَابَكَ فَطَهِّرۡ

نەپسىڭنى گۇناھلاردىن، كىيىمىڭنى نىجاسەتلەردىن پاك تۇت! info
التفاسير:

external-link copy
5 : 74

وَٱلرُّجۡزَ فَٱهۡجُرۡ

بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق تۇر! info
التفاسير:

external-link copy
6 : 74

وَلَا تَمۡنُن تَسۡتَكۡثِرُ

سالىھ ئەمەللەرنى كۆپ قىلغانلىقىڭنى تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگارىڭغا مىننەت قىلما! info
التفاسير:

external-link copy
7 : 74

وَلِرَبِّكَ فَٱصۡبِرۡ

دەۋەت يولىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە ئاللاھ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن! info
التفاسير:

external-link copy
8 : 74

فَإِذَا نُقِرَ فِي ٱلنَّاقُورِ

ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 74

فَذَٰلِكَ يَوۡمَئِذٖ يَوۡمٌ عَسِيرٌ

ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 74

عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ غَيۡرُ يَسِيرٖ

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا بۇ كۈن ئاسان ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 74

ذَرۡنِي وَمَنۡ خَلَقۡتُ وَحِيدٗا

ئى پەيغەمبەر! مەن ئانىسىنىڭ قارنىدا مال - دۇنياسىز، بالا - چاقىسىز، يالغۇز ياراتقان ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنى ماڭا قويۇپ قويغىن!. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 74

وَجَعَلۡتُ لَهُۥ مَالٗا مَّمۡدُودٗا

ئۇنىڭغا كۆپ مال-دۇنيا ئاتا قىلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 74

وَبَنِينَ شُهُودٗا

ئۇنىڭغا يېنىدا بىللە تۇرىدىغان، تۈرلۈك يىغىلىشلارغا بىللە بارىدىغان، مال - مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىدىن سەپىرى كۆپ بولغاچقا يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ئوغۇللارنى بەردىم. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 74

وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمۡهِيدٗا

ئۇنىڭغا كەڭ - تاشا تۇرمۇش، كۆپ رىزىق ۋە بالا - چاقىلارنى بەردىم. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 74

ثُمَّ يَطۡمَعُ أَنۡ أَزِيدَ

ئاندىن ئۇ ماڭا كاپىر بولۇپ تۇرۇپ يەنە مېنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 74

كَلَّآۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِأٓيَٰتِنَا عَنِيدٗا

ئىش ئۇنىڭ خىيال قىلغىنىدەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 74

سَأُرۡهِقُهُۥ صَعُودًا

مەن ئۇنىڭغا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر ئازابنى تېتىتىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 74

إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ

ھەقىقەتەن مەن ئاشۇ نېئمەتلەرنى ئىنئام قىلغان بۇ كاپىر قۇرئاننىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە دېيىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، كۆڭلىدە پىلان تۈزدى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• المشقة تجلب التيسير.
قىيىنچىلىق ئاسانچىلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ. info

• وجوب الطهارة من الخَبَث الظاهر والباطن.
ئىچكى - تاشقى نىجاسەتلەردىن پاك بولۇش ۋاجىبتۇر. info

• الإنعام على الفاجر استدراج له وليس إكرامًا.
پاجىر - كاپىرغا نېئمەت ئاتا قىلغانلىق ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى تەدرىجىي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر. info