ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
11 : 70

يُبَصَّرُونَهُمۡۚ يَوَدُّ ٱلۡمُجۡرِمُ لَوۡ يَفۡتَدِي مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِئِذِۭ بِبَنِيهِ

ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 70

وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ

13 : 70

وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِي تُـٔۡوِيهِ

14 : 70

وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ

ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 70

كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ

ئەمما ئىش بۇ گۇناھكار ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدۇ. شەكسىزكى دوزاخ ئوتى يالقۇنجاپ، يېنىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 70

نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ

دوزاخ ئوتىنىڭ يۇقىرى ھارارىتى ۋە يالقۇنجىشىدىن باشنىڭ تېرىسى شىلىنىپ ئاجراپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 70

تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ

دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 70

وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ

دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 70

۞ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا

ھەقىقەتەن ئىنسان ئىنتايىن چىدامسىز يارىتىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 70

إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا

ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىك دېگەندەك بىرەر خاپىلىق يەتسە زارلانغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 70

وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا

ئەگەر ئۇنىڭغا مولچىلىق ۋە بايلىق دېگەندەك خۇرسەن قىلىدىغان ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، ئۇ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 70

إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ

پەقەت نامازلىرىنى ئادا قىلغۇچىلارلا ئاشۇ ناچار ئىللەتلەردىن ساغلام كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 70

ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ

ئۇلار داۋاملىق نامازلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نامازلىرىدىن غەپلەتتە قالمايدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 70

وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ

ئۇلارنىڭ ماللىرىدا پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن، مۇئەييەن ھەقلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 70

لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ

ئۇلار ماللىرىدىكى بەلگىلەنگەن ھەقلەرنى ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن رىزىقتىن مەھرۇم قالغانلار ئىچىدىن سورىغانلارغىمۇ، سورىمىغانلارغىمۇ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 70

وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

ئۇلار قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا ھەركىمگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 70

وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ

ئۇلار شۇنداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورۇققۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 70

إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ

ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ

ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى يېپىش ۋە ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 70

إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ

پەقەت خوتۇنلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەك - چۆرىلىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ۋە باشقا شەكىللەردە مەنپەتلەنگەنلىكىگە قارىتا مالامەت قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 70

فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قويۇلغان مال - مۈلۈك، مەخپىي سىرلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى جايىدا ساقلايدۇ. كىشىلەر بىلەن قىلىشقان ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىگە خىيانەت قىلمايدۇ، ئەھدىلىرىنى بۇزمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 70

وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ

ئۇلار تەلەپ قىلىنغان رەۋىشتە توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇركى، (گۇۋاھلىق بەرگەندە) يېقىنلىق ياكى دۈشمەنلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ

ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا، مۇكەممەل تاھارەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنى نامازلىرىدىن ھېچ نەرسە غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 70

أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ

ئەنە شۇ مەزكۇر سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نازۇنېئمەتلەرگە ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش شەرىپىگە نائىل بولغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 70

فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قِبَلَكَ مُهۡطِعِينَ

ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭدىن بولغان بۇ مۇشرىكلارنى سېنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىرىغان ھالدا ئەتراپىڭغا يىغقان نەرسە نېمە؟ info
التفاسير:

external-link copy
37 : 70

عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ

ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭغا ئولىشىپ، توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 70

أَيَطۡمَعُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُدۡخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٖ

ئۇلاردىن ھەر بىرى ئاللاھ ئۆزلىرىنى نېئمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزسە، كاپىر تۇرۇپمۇ جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۈمىد قىلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
39 : 70

كَلَّآۖ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّمَّا يَعۡلَمُونَ

ئىش ئۇلار خىيال قىلغاندەك بولمايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلىدىغان نەرسىدىن ياراتتۇق، يەنى ئۇلارنى ئەرزىمەس مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدا - زىيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىز تۇرسا، قانداقسىگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
40 : 70

فَلَآ أُقۡسِمُ بِرَبِّ ٱلۡمَشَٰرِقِ وَٱلۡمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ

ئاللاھ تائالا ئۆز زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇ شەرق، شىمال، غەرب، جەنۇپ، قۇياش، ئاي ۋە باشقا پىلانىتلارنىڭ رەببىدۇر، بىز ئەلۋەتتە ھەممىگە قادىر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• شدة عذاب النار حيث يود أهل النار أن ينجوا منها بكل وسيلة مما كانوا يعرفونه من وسائل الدنيا.
دوزاخ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاخ ئەھلى دۇنيادا بىلىدىغانلىكى ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. info

• الصلاة من أعظم ما تكفَّر به السيئات في الدنيا، ويتوقى بها من نار الآخرة.
ناماز دۇنيادىكى خاتالىقلارنى يوققا چىقىرىدىغان ھەمدە دوزاخنىڭ ئوتىدىن ساقلىنىشقا قالقان بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر. info

• الخوف من عذاب الله دافع للعمل الصالح.
ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. info