ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
49 : 7

أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقۡسَمۡتُمۡ لَا يَنَالُهُمُ ٱللَّهُ بِرَحۡمَةٍۚ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ

ئاللاھ كاپىرلارغا كايىپ: سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە: ئەي مۇئمىنلەر! جەننەتكە كىرىڭلار، ئۈزۈلمەس نېئمەتكە ئېرىشكىنىڭلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە ھېچقانداق قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا قولدىن كەتكەن مەنپەئەتلەرگىمۇ قايغۇرمايسىلەر، دەيدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• عدم الإيمان بالبعث سبب مباشر للإقبال على الشهوات.
قايتا تىرىلىشكە ئىمان كەلتۈرمەسلىك شەھۋەتلەرگە بېرىلىشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدۇر. info

• يتيقن الناس يوم القيامة تحقق وعد الله لأهل طاعته، وتحقق وعيده للكافرين.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا، كاپىرلارغا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭمۇ ئىشقا ئاشقانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. info

• الناس يوم القيامة فريقان: فريق في الجنة وفريق في النار، وبينهما فريق في مكان وسط لتساوي حسناتهم وسيئاتهم، ومصيرهم إلى الجنة.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئىككى پىرقىگە بۆلۈنىدۇ: بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭلىشىپ قالغان يەنە بىر پىرقە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ. info

• على الذين يملكون المال والجاه وكثرة الأتباع أن يعلموا أن هذا كله لن يغني عنهم من الله شيئًا، ولن ينجيهم من عذاب الله.
مال-دۇنيا، يۈز-ئابروي، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. info