ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

تەلاق

គោល​បំណងនៃជំពូក:
بيان أحكام الطلاق وتعظيم حدوده وثمرات التقوى.
تالاقنىڭ ھۆكۈملىرى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۇلۇغلىقى ۋە تەقۋادارلىقنىڭ نەتىجىسىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 65

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحۡصُواْ ٱلۡعِدَّةَۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ رَبَّكُمۡۖ لَا تُخۡرِجُوهُنَّ مِنۢ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخۡرُجۡنَ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ لَا تَدۡرِي لَعَلَّ ٱللَّهَ يُحۡدِثُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ أَمۡرٗا

ئەي پەيغەمبەر! سەن ياكى ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئايالىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئىددەت تۇتۇشقا لايىق پەيتتە تالاق قىلىڭلار. يەنى تالاق ئۇلار ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ئۆزئارا جىنسىي ئالاقىدە بولمىغان پاكلىق مەزگىلىدە بولسۇن. مۇبادا ئاياللىرىڭلار بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولساڭلار، يارىشىۋېلىشىڭلار قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىددەت كۈنلىرىنى ساناڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. تالاق قىلىنغان ئاياللىرىڭلار (ئىددەت مەزگىلىدە) زىنا قىلىشقا ئوخشاش ئوپئوچۇق ناشايان ئىشلارنى قىلمىسىلا ئۇلارنى تاكى ئىددىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ چىقىپ كەتمىسۇن. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن بەلگىلىمىلەردۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغانلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئەي ئايالىنى تالاق قىلغۇچى ئەر! سەن بىلمەيسەنكى، بەلكىم ئاللاھ ئاشۇنىڭدىن كېيىن ئەرنىڭ كۆڭلىدە تالاق قىلىنغان ئايالىغا رىغبەت پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشى مۇمكىن. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 65

فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ فَارِقُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖ وَأَشۡهِدُواْ ذَوَيۡ عَدۡلٖ مِّنكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مَخۡرَجٗا

ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا ئۇلارغا قىزىقىپ، چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇلار بىلەن يارىشىۋالساڭلارمۇ ياكى ئۇلار بىلەن يارىشىۋالماي ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئۇلارغا تېگىشلىك ئىددەت ھەققىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويساڭلارمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۇلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار ياكى ئايرىلىپ كېتىڭلار، كېيىن ئاراڭلاردا دەتالاش چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاراڭلاردىن ئىككى نەپەر ئادىل كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇڭلار. ئەي گۇۋاھچىلار! سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ گۇۋاھچى بولۇڭلار. مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەسلىتىش ۋە پەند - نەسىھەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇ چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدىن چىقىش يولى بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 65

وَيَرۡزُقۡهُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَحۡتَسِبُۚ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَهُوَ حَسۡبُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَٰلِغُ أَمۡرِهِۦۚ قَدۡ جَعَلَ ٱللَّهُ لِكُلِّ شَيۡءٖ قَدۡرٗا

ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلاپ باقمىغان، خىيالىغا كېچىپمۇ باقمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ ئۆز ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇركى، ئۇ ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ ھەم ئۇ ھېچ ئىشنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بەلگىلىك چەك بېكىتكەن بولۇپ، ئۇ ھامىنى شۇ چەككە يېتىپ بارىدۇ. يەنى ھەر قانداق مۈشكۈلچىلىكنىڭمۇ، باي - باياشاتلىقنىڭمۇ بەلگىلىك چېكى بولىدۇكى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىنسانغا مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 65

وَٱلَّٰٓـِٔي يَئِسۡنَ مِنَ ٱلۡمَحِيضِ مِن نِّسَآئِكُمۡ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَٰثَةُ أَشۡهُرٖ وَٱلَّٰٓـِٔي لَمۡ يَحِضۡنَۚ وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مِنۡ أَمۡرِهِۦ يُسۡرٗا

يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغان تالاق قىلىنغان ئاياللارغا كەلسەك، ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. كىچىك بولغانلىقتىن ھەيزدارلىق يېشىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ ئىددىتىمۇ ئۈچ ئايدۇر. تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات تاپقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى ھامىلىسىنى تۇغقاندا ئاخىرلىشىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ھەمدە ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى قولايلاشتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 65

ذَٰلِكَ أَمۡرُ ٱللَّهِ أَنزَلَهُۥٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُعۡظِمۡ لَهُۥٓ أَجۡرًا

ئەي مۇئمىنلەر! يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تالاق، يېنىشىۋېلىش ۋە ئىددەت ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈن نازىل قىلدى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىر بېرىدۇ. ئۇ كاتتا ئەجىر جەننەتكە كىرىش ھەمدە تۈگەپ كەتمەيدىغان نازۇ-نېئمەتلەرگە ئېرىشىشتۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• خطاب النبي صلى الله عليه وسلم خطاب لأمته ما لم تثبت له الخصوصية.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان خىتابنىڭ شۇنىڭغا خاس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولمىسىلا، پۈتكۈل ئۈممەتكە قىلىنغان خىتابتۇر. info

• وجوب السكنى والنفقة للمطلقة الرجعية.
رەجئىي تالاق (يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) قىلىنغان ئايالغا تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىش ۋاجىبتۇر. info

• النَّدْب إلى الإشهاد حسمًا لمادة الخلاف.
تالاش - تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى گۇۋاھچى قىلىش سۈننەتتۇر. info

• كثرة فوائد التقوى وعظمها.
تەقۋادارلىقنىڭ پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ، دەرىجىسىمۇ كاتتىدۇر. info