ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

تەغابۇن

គោល​បំណងនៃជំពូក:
التحذير مما تحصل به الندامة والغبن يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدە ھاسىل بولىدىغان پۇشايمان، ھەسرەت-نادامەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش. info

external-link copy
1 : 64

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان ناقىس سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ھەم ئۇلۇغلايدۇ. پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي پادىشاھ يوقتۇر. بارچە گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 64

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ فَمِنكُمۡ كَافِرٞ وَمِنكُم مُّؤۡمِنٞۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ دوزاخقا كىرىدىغانلارمۇ، ئاللاھقا ئىشىنىپ جەننەتكە كىرىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 64

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتقان بولۇپ، بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە پەزل - مەرھەمەت يۈزىسىدىن قىياپىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىياپىتىڭلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ قويغان بولاتتى. قىيامەت كۈنى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىڭلارمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 64

يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئەمەللىرىڭلاردىن ئاشكارا قىلغاننىمۇ، يوشۇرۇن قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكى ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 64

أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُ فَذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەرگە نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋمى ۋە باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار كۇپۇرلۇقنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تېتىغان بولۇپ، ئاخىرەتتىمۇ دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، سىلەرگە ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى چوقۇم كەلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرگىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 64

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُۥ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٞ يَهۡدُونَنَا فَكَفَرُواْ وَتَوَلَّواْۖ وَّٱسۡتَغۡنَى ٱللَّهُۚ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٞ

ئۇلارغا شۇنداق ئازاب كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسان تىپىدىن بولۇشىنى قوبۇل قىلماي: بىزنى بىر ئىنسان ھەقىقەتكە باشلامدۇ؟ دېيىشتى ھەمدە كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈشتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەت ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرى ئاللاھ (نىڭ مۈلكى) گە ھېچ نەرسىنى قوشۇپ قويالمايتتى. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇركى، بەندىلىرىگە موھتاج بوپقالمايدۇ. سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدا مەدھىيەلەنگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 64

زَعَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن لَّن يُبۡعَثُواْۚ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبۡعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلۡتُمۡۚ وَذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۆزلىرىنى ھەرگىز قايتا تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ بىلجىرلاشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر. ئاندىن بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلار چوقۇم سىلەرگە ئېيتىپ بېرىلىدۇ. ئاشۇ قايتا تىرىلدۈرۈش ئاللاھقا تولىمۇ ئاساندۇر. چۈنكى ئۇ دەسلەپتىمۇ سىلەرنى ياراتقان. ئۇنداق بولغانىكەن، سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئۇ سىلەرنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 64

فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلنُّورِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلۡنَاۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە بىز پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 64

يَوۡمَ يَجۡمَعُكُمۡ لِيَوۡمِ ٱلۡجَمۡعِۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلتَّغَابُنِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە) سۆزلەپ بەرگىنكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن توپلايدىغان قىيامەت كۈنى شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ زىيانكارلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇئمىنلەر دوزاخ ئەھلىنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ، دوزاخ ئەھلى بولسا جەننەت ئەھلىنىڭ دوزاختىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىمۇ ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەر ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن زور غەلىبىدۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• من قضاء الله انقسام الناس إلى أشقياء وسعداء.
ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ئىنسانلار بەختلىك ۋە بەختسىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. info

• من الوسائل المعينة على العمل الصالح تذكر خسارة الناس يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكارلىقىنى ئەسلەش سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلاردىن بىرىدۇر. info