ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
5 : 63

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ يَسۡتَغۡفِرۡ لَكُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ لَوَّوۡاْ رُءُوسَهُمۡ وَرَأَيۡتَهُمۡ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ

بۇ مۇناپىقلارغا: سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى تونۇپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسۇن، دېيىلسە، ئۇلار كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنى بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 63

سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ أَسۡتَغۡفَرۡتَ لَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ لَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ بەرىبىر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ - مەئسىيەتتە چىڭ تۇرغۇچىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 63

هُمُ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُواْ عَلَىٰ مَنۡ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّواْۗ وَلِلَّهِ خَزَآئِنُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَفۡقَهُونَ

ئۇلار: رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكى يوقسۇللارغا ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارغا ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلماڭلار. ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن تارقىلىپ كەتسۇن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ. لېكىن مۇناپىقلار رىزىق خەزىنىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 63

يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعۡنَآ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ لَيُخۡرِجَنَّ ٱلۡأَعَزُّ مِنۡهَا ٱلۡأَذَلَّۚ وَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِۦ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَعۡلَمُونَ

مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي: مەدىنىگە قايتقىنىمىزدا ئەزىزلەر، يەنى مەن ۋە قەۋمىم خارلارنى، يەنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز دېيىشىدۇ. ئىززەت ۋە شەرەپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر. لېكىن مۇناپىقلار ئىززەت ۋە شەرەپنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 63

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُلۡهِكُمۡ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مال - مۈلكۈڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار سىلەرنى نامازدىن ۋە باشقا ئىسلامدا پەرز بولغان ئەمەللەردىن كاشىلا قىلىپ قويمىسۇن. كىمنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن كاشىلا قىلىپ قويىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلاردۇركى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنى زىيان تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 63

وَأَنفِقُواْ مِن مَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ، پەرۋەردىگارىغا: ئەي رەببىم! مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرسەڭ، مەن مېلىمنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرى ياخشى بولغان سالىھ بەندىلىرى قاتارىدىن بولۇۋالسام، دەپ يالۋۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللاردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 63

وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَاۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ

ئاللاھ تائالا ئەجىلى توشۇپ، ئۆمرى تۈگىگەن ھەر قانداق بىر جاننى قەتئىي كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الإعراض عن النصح والتكبر من صفات المنافقين.
نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. info

• من وسائل أعداء الدين الحصار الاقتصادي للمسلمين.
مۇسۇلمانلارغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشمۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر. info

• خطر الأموال والأولاد إذا شغلت عن ذكر الله.
مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلارنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن كاشىلا قىلىپ قويۇشى خەتەرلىكتۇر. info