ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
6 : 60

لَقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِيهِمۡ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ

بۇ گۈزەل نەمۇنىنى پەقەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتىدىغان كىشىلەرلا ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. كىمكى بۇ گۈزەل نەمۇنىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىگە مۇھتاج بوپقالمايدۇ. ئاللاھ ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 60

۞ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَجۡعَلَ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ عَادَيۡتُم مِّنۡهُم مَّوَدَّةٗۚ وَٱللَّهُ قَدِيرٞۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئى مۇئمىنلەر! بەلكىم ئاللاھ سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق ئاراڭلاردا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرگە دىندا قېرىنداش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىمانغا قايتۇرۇشقا قادىردۇر. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 60

لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ

سىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن يەنى ئۇلارنىڭ سىلەردە ھەققى بولسا ئۇنى بېرىشىڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزى، ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئىگە بولغانلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 60

إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇئمىن بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ھەمدە سىلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەيدۇ. ئاراڭلاردىن ئۇلارنى دوست تۇتقانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بارغان زالىملاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 60

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا جَآءَكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ مُهَٰجِرَٰتٖ فَٱمۡتَحِنُوهُنَّۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِهِنَّۖ فَإِنۡ عَلِمۡتُمُوهُنَّ مُؤۡمِنَٰتٖ فَلَا تَرۡجِعُوهُنَّ إِلَى ٱلۡكُفَّارِۖ لَا هُنَّ حِلّٞ لَّهُمۡ وَلَا هُمۡ يَحِلُّونَ لَهُنَّۖ وَءَاتُوهُم مَّآ أَنفَقُواْۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّۚ وَلَا تُمۡسِكُواْ بِعِصَمِ ٱلۡكَوَافِرِ وَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقۡتُمۡ وَلۡيَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقُواْۚ ذَٰلِكُمۡ حُكۡمُ ٱللَّهِ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡۖ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مۇئمىن ئاياللار كۇپرى زېمىنىدىن ھىجرەت قىلىپ ئىسلام دىيارىغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقىنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا يوشۇرغان ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئۇلارنى سىنىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سەمىمىيتى ئاشكارا بولۇپ، ھەقىقىي مۇئمىنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىر ئەرلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار. مۇئمىن ئاياللارنىڭ كاپىرلارغا تېگىشى ھالال بولمايدۇ، كاپىرلارنىڭمۇ مۇئمىنە ئاياللارنى ئېلىشى ھالال بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئۇلارغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئى مۇئمىنلەر! ئۇ ئاياللار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى بېرىپ، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى ئايالى كاپىر بولسا ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولسا، ئۇنى ئەمرىدە ساقلىمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئايال كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككەيلەننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ. سىلەرمۇ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ئاياللىرىڭلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى كاپىرلاردىن سوراڭلار، ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سىلەردىن سورىسۇن. سىلەرنىڭمۇ، ئۇلارنىڭمۇ تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇشى ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆكۈم ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە يولغان قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 60

وَإِن فَاتَكُمۡ شَيۡءٞ مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۡ إِلَى ٱلۡكُفَّارِ فَعَاقَبۡتُمۡ فَـَٔاتُواْ ٱلَّذِينَ ذَهَبَتۡ أَزۡوَٰجُهُم مِّثۡلَ مَآ أَنفَقُواْۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

ناۋادا سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار مۇرتەد بولۇپ، كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، كاپىرلاردىن ئۇلارغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى تەلەپ قىلىپ، كاپىرلار ئۇنى بەرمىگەن تەقدىردە، سىلەر كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلاردىن غەنىمەت ئالغاندا، ئاياللىرى مۇرتەد بولۇپ كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئەرلەرگە ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىگە بەرگەن مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• في تصريف الله القلب من العداوة إلى المودة، ومن الكفر إلى الإيمان إشارة إلى أن قلوب العباد بين إصبعين من أصابعه سبحانه، فليطلب العبد منه الثبات على الإيمان.
ئاللاھنىڭ دىللارنى ئۆچمەنلىكتىن دوستلۇققا، كۇپرىدىن ئىمانغا يۆتكىشى بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماق ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەندە ئاللاھتىن ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلىسۇن. info

• التفريق في الحكم بين الكفار المحاربين والمسالمين.
مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈشكەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈمدە پەرقلەندۈرۈش. info

• حرمة الزواج بالكافرة غير الكتابية ابتداءً ودوامًا، وحرمة زواج المسلمة من كافر ابتداءً ودوامًا.
ئەھلى كىتابتىن سىرت كاپىر ئاياللارنى ئېلىشمۇ، بار نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ھارامدۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ كاپىرغا تېگىشى ياكى نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ ھارامدۇر. info