ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
42 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
43 : 55

هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ

ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: جىنايەتچىلەر دۇنيادا ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەم مانا مۇشۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 55

يَطُوفُونَ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَ حَمِيمٍ ءَانٖ

ئۇلار شۇ جەھەننەم بىلەن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
46 : 55

وَلِمَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ

ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدىكى تۇرۇشتىن قورقۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
48 : 55

ذَوَاتَآ أَفۡنَانٖ

بۇ ئىككى جەننەتتە بۈك - باراقسان، مەنزىرىسى كۆركەم، مېۋىلىك دەرەخلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
50 : 55

فِيهِمَا عَيۡنَانِ تَجۡرِيَانِ

بۇ ئىككى جەننەت ئارىسىدا ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
52 : 55

فِيهِمَا مِن كُلِّ فَٰكِهَةٖ زَوۡجَانِ

ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر قانداق مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار، (يەنى ئىككى جەننەتتىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى قارىماققا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، تەمى ئۆزگىچىدۇر). info
التفاسير:

external-link copy
53 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
54 : 55

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشِۭ بَطَآئِنُهَا مِنۡ إِسۡتَبۡرَقٖۚ وَجَنَى ٱلۡجَنَّتَيۡنِ دَانٖ

ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن تەييارلانغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىن بولۇپ، ئۇنى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ھەم يېنى ياتقانلارمۇ ئۈزەلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
56 : 55

فِيهِنَّ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ

ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ياكى جىن يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
58 : 55

كَأَنَّهُنَّ ٱلۡيَاقُوتُ وَٱلۡمَرۡجَانُ

ئۇلار گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە گوياكى ياقۇتقا ۋە مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
60 : 55

هَلۡ جَزَآءُ ٱلۡإِحۡسَٰنِ إِلَّا ٱلۡإِحۡسَٰنُ

پەرۋەردىگارىغا ئىتائەتنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا مۇكاپاتىنى مۇكەممەل بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
62 : 55

وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ

مەزكۇر ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان يەنە ئىككى جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
64 : 55

مُدۡهَآمَّتَانِ

ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
66 : 55

فِيهِمَا عَيۡنَانِ نَضَّاخَتَانِ

بۇ ئىككى جەننەتتە ناھايىتى تېز ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈيى توختاپ قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
68 : 55

فِيهِمَا فَٰكِهَةٞ وَنَخۡلٞ وَرُمَّانٞ

ئۇ ئىككى جەننەتتە نۇرغۇن مېۋىلەر، چوڭ - چوڭ خورما ۋە ئانارلار بار. info
التفاسير:

external-link copy
69 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أهمية الخوف من الله واستحضار رهبة الوقوف بين يديه.
ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنىڭ قورقۇنچىسىنى ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• مدح نساء الجنة بالعفاف دلالة على فضيلة هذه الصفة في المرأة.
جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى ئىپپەتلىك بولۇش بىلەن مەدھىيىلەش بۇ سۈپەتنىڭ ئاياللاردىكى بىر پەزىلەت ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. info

• الجزاء من جنس العمل.
جازا - مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ (ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ). info