ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
7 : 51

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡحُبُكِ

ئاللاھ تائالا يوللىرى بار، يارىتىلىشى گۈزەل بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 51

إِنَّكُمۡ لَفِي قَوۡلٖ مُّخۡتَلِفٖ

ئەي مەككىلىكلەر! شەكسىزكى سىلەر ھەقىقەتەن بىر - بىرىگە زىت سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر، بەزىدە: قۇرئان سېھىردۇر، دەيسىلەر، بەزىدە: شېئىر، دەيسىلەر. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد سېھىرگەر، دېسەڭلار، بەزىدە: شائىر، دەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 51

يُؤۡفَكُ عَنۡهُ مَنۡ أُفِكَ

ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ھەقتىن بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 51

قُتِلَ ٱلۡخَرَّٰصُونَ

قۇرئان كەرىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان بۇ كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 51

ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي غَمۡرَةٖ سَاهُونَ

ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن، ئاخىرەتتىن بىخۇتلاشقانلىقتىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغانلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 51

يَسۡـَٔلُونَ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلدِّينِ

ئۇلار: بۇ جازا - مۇكاپات كۈنى قاچان دەپ سورايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۇ كۈن ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 51

يَوۡمَ هُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ يُفۡتَنُونَ

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدۇ، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 51

ذُوقُواْ فِتۡنَتَكُمۡ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ

ئۇلارغا: ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋاقتىڭلاردا مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب مۇشۇ شۇ، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 51

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

شەكسىزكى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى باغ - بوستانلاردا ھۆر - پەرىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 51

ءَاخِذِينَ مَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُحۡسِنِينَ

ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار بۇ ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ياخشىلىق قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 51

كَانُواْ قَلِيلٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مَا يَهۡجَعُونَ

ئۇلار كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيتتى، ئىنتايىن ئاز ئۇخلايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 51

وَبِٱلۡأَسۡحَارِ هُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ

ئۇلار سەھەر ۋاقىتلىرىدا گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 51

وَفِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ

كىشىلەر ئىچىدىن سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن بىر نەرسە سوراشتىن خىجىل بولىدىغان) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالغان موھتاجلارمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بەھرىمەن بولالايتتى -يەنى ئۇلار موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى-. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 51

وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ

زېمىندا ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا ياراتقان تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، دەل - دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلاردا ئاللاھنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى، شەكىل بەرگۈچى زات ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 51

وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرى بار. بۇلارنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
22 : 51

وَفِي ٱلسَّمَآءِ رِزۡقُكُمۡ وَمَا تُوعَدُونَ

ئاسماندا سىلەرنىڭ دۇنيالىق ھەم دىنىي رىزقىڭلار ھەمدە سىلەر ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە جازا بار. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 51

فَوَرَبِّ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِنَّهُۥ لَحَقّٞ مِّثۡلَ مَآ أَنَّكُمۡ تَنطِقُونَ

ئاسمان - زېمىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىش خۇددى ئۆزۈڭلار سۆزلەۋاتقان سۆزۈڭلاردا شەك بولمىغاندەك ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 51

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ئىبراھىم كۈتۈۋالغان پەرىشتە مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
25 : 51

إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ: سالام، دېدى ھەمدە كۆڭلىدە: بۇلار ناتونۇش ئادەملەرغۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 51

فَرَاغَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ فَجَآءَ بِعِجۡلٖ سَمِينٖ

ئىبراھىم مېھمان قىياپىتىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئىنسان دەپ ئويلاپ، ئاستاغىنە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن تولۇپ سەمرىگەن بىر موزاينىڭ (گۆشىنى پىشۇرۇپ) ئېلىپ كەلدى. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 51

فَقَرَّبَهُۥٓ إِلَيۡهِمۡ قَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ

ئاندىن موزاي گۆشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ۋەزمىن ئاھاڭدا: ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن تائامنى يېمەمسىلەر؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 51

فَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ

ئۇلار گۆشنى يېمىگەندىن كېيىن ئىبراھىم كۆڭلىدە ئۇلاردىن قورقتى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ كەيپىياتىنى سېزىپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز، دېدى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى، ئېيتتى. بېشارەت بېرىلگەن بۇ ئوغۇل بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 51

فَأَقۡبَلَتِ ٱمۡرَأَتُهُۥ فِي صَرَّةٖ فَصَكَّتۡ وَجۡهَهَا وَقَالَتۡ عَجُوزٌ عَقِيمٞ

ئىبراھىمنىڭ ئايالى بۇ بېشارەتنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سۈرەن سالغىنىچە كەلدى، ئاندىن بۇ ئىشتىن ھەيران قىلىپ يۈزىگە كاچاتلاپ تۇرۇپ: بۇرۇندىن تۇغماس بىر قېرى مومايمۇ تۇغامدۇ؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 51

قَالُواْ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ

پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: بىز ساڭا بەرگەن خەۋەرنى پەرۋەردىگارىڭ دېدى، ئۇنىڭ دېگىنىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر. ئۇ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• إحسان العمل وإخلاصه لله سبب لدخول الجنة.
ئەمەلنى ئېھسان بىلەن قىلىش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• فضل قيام الليل وأنه من أفضل القربات.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش پەزىلەتلىك ئەمەل ھەمدە ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرىدۇر. info

• من آداب الضيافة: رد التحية بأحسن منها، وتحضير المائدة خفية، والاستعداد للضيوف قبل نزولهم، وعدم استثناء شيء من المائدة، والإشراف على تحضيرها، والإسراع بها، وتقريبها للضيوف، وخطابهم برفق.
سالامنى تېخىمۇ گۈزەل شەكىلدە ئىلىك ئېلىش، مېھمانغا ئۇقتۇرماي داستىخان تەييارلاش، مېھمانلار كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىش، داستىخاندىن ھېچنەرسىنى ئايىماسلىق، داستىخاننى تەييارلاشقا مەسئۇل بولۇش ھەم ئالدىراش، تائامنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا يېقىن قويۇش ۋە ئۇلارغا ۋەزمىن ئاھاڭدا گەپ قىلىش مېھماندارچىلىقنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر. info