ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
16 : 50

وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ وَنَعۡلَمُ مَا تُوَسۡوِسُ بِهِۦ نَفۡسُهُۥۖ وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنۡ حَبۡلِ ٱلۡوَرِيدِ

ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن ئوي - پىكىرلەرنىمۇ بىلىمىز. بىز ئۇنىڭغا بويۇندىكى يۈرەككە تۇتىشىدىغان تومۇردىنمۇ يېقىنراقمىز. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 50

إِذۡ يَتَلَقَّى ٱلۡمُتَلَقِّيَانِ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ قَعِيدٞ

ئۆزئارا بىر يەرگە كېلىدىغان ئىككى پەرىشتە بەندىنىڭ ئەمىلىگە ھازىر بولغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بىرى بەندىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 50

مَّا يَلۡفِظُ مِن قَوۡلٍ إِلَّا لَدَيۡهِ رَقِيبٌ عَتِيدٞ

ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 50

وَجَآءَتۡ سَكۡرَةُ ٱلۡمَوۡتِ بِٱلۡحَقِّۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنۡهُ تَحِيدُ

ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت بىلەن كەلدى. ئەي بىخۇت ئىنسان! سەن كەينىڭگە داجىپ، قاچقان ئىش مۇشۇ شۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 50

وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡوَعِيدِ

سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن ۋاقىت قىيامەت كۈنىدۇر، كاپىرلارغا ۋە ئاسىيلارغا ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 50

وَجَآءَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّعَهَا سَآئِقٞ وَشَهِيدٞ

ھەر ئىنسان بىلەن بىرگە ئۇنى ھەيدەپ ئېلىپ ماڭغۇچى بىر پەرىشتە بولىدۇ. بىر پەرىشتە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 50

لَّقَدۡ كُنتَ فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا فَكَشَفۡنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلۡيَوۡمَ حَدِيدٞ

بۇ ھەيدىلىپ ئېلىپ مېڭىلغان ئىنسانغا: ھەقىقەتەن سەن دۇنيادىكى ۋاقتىڭدا شەھۋەتلىرىڭگە ۋە لەززەتلىرىڭگە ئالدانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن مۇشۇ كۈندىن بىخۇت بولغان ئىدىڭ. ئەمدى بىز ساڭا ئازاب ۋە خاپىلىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىخۇتلۇقۇڭنى ئېچىۋەتتۇق. بۈگۈن سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئىلگىرى بىخۇت بولغان ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 50

وَقَالَ قَرِينُهُۥ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ

ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە: ئۇنىڭ ئەمىلى كەم - زىيادىسىز مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 50

أَلۡقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٖ

ئاللاھ تائالا ھەيدىگۈچى ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئىككى پەرىشتىگە: ھەقكە ئىنكار قىلغان ۋە تەرسالىق قىلغان ھەر قانداق كاپىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 50

مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٖ مُّرِيبٍ

ئۇ ئاللاھ بېرىشنى ۋاجىب قىلغان ھەقنى بەك چەكلەيتتى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ۋە قىلغان تەھدىتلەردە شەك قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 50

ٱلَّذِي جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَأَلۡقِيَاهُ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغان بۇ ئادەمنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 50

۞ قَالَ قَرِينُهُۥ رَبَّنَا مَآ أَطۡغَيۡتُهُۥ وَلَٰكِن كَانَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ

ئۇنىڭ شەيتان يېقىنلىرى ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ: ئەي رەببىمىز! ئۇنى مەن ئازدۇرمىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزى ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىدى، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 50

قَالَ لَا تَخۡتَصِمُواْ لَدَيَّ وَقَدۡ قَدَّمۡتُ إِلَيۡكُم بِٱلۡوَعِيدِ

ئاللاھ ئېيتتى: مېنىڭ ئالدىمدا دەتالاش قىلماڭلار، ئەمدى دەتالاشنىڭ پايدىسى يوق. مەن سىلەرگە دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىمنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ماڭا كاپىر بولۇپ، ئاسىيلىق قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 50

مَا يُبَدَّلُ ٱلۡقَوۡلُ لَدَيَّ وَمَآ أَنَا۠ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ

مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلىنمايدۇ، مەن بەندىلەرنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كېمەيتىش ۋە يامانلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 50

يَوۡمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ ٱمۡتَلَأۡتِ وَتَقُولُ هَلۡ مِن مَّزِيدٖ

بىز جەھەننەمگە: ساڭا تاشلانغان كاپىرلار ۋە ئاسىيلار بىلەن تولدۇڭمۇ؟ دەيمىز. جەھەننەم رەببى ئۈچۈن غەزەبلەنگەنلىكتىن تېخىمۇ كۆپنى تەلەپ قىلىپ رەب تەئالانىڭ سۆزىگە جاۋابەن: يەنە بارمۇ؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 50

وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ غَيۡرَ بَعِيدٍ

جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن يېقىن قىلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردىكى نېئمەتلەرنى يېقىندىن كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 50

هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٖ

ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەرەۋردىگارىغا تەۋبە بىلەن قايتقان ھەمدە پەرۋەردىگارىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھەر كىمگە بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ۋەدە قىلغان نېئمەتلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 50

مَّنۡ خَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِ وَجَآءَ بِقَلۡبٖ مُّنِيبٍ

كىمكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان مەخپىي ھالەتتىمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ، ئاللاھقا يۈزلەنگەن ۋە كۆپ تەۋبە قىلغان ساغلام قەلب بىلەن ئاللاھقا ئۇچرىشىدىكەن. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 50

ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٖۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُلُودِ

بۇنداق كىشىلەرگە: ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ھەر نەرسىدىن ئامان بولغان ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار. بۇ مەڭگۈلۈك كۈنىدۇركى، بۇ كۈن ئەمدى ئاخىرلاشمايدۇ، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 50

لَهُم مَّا يَشَآءُونَ فِيهَا وَلَدَيۡنَا مَزِيدٞ

ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار ئۈچۈن كۆڭۈللىرى تارتقان ھەر قانداق نېئمەت بار بولۇپ، بۇ نېمەتلەر قەتئىي تۈگەپ قالمايدۇ. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يەنە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ باقمىغان نېئمەتلەر بار بولۇپ، ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• علم الله بما يخطر في النفوس من خير وشر.
ئاللاھ تائالا كۆڭۈللەرگە كەچكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. info

• خطورة الغفلة عن الدار الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر. info

• ثبوت صفة العدل لله تعالى.
ئاللاھنىڭ ئادىللىق سۈپىتى سابىتتۇر. info