ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
12 : 49

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱجۡتَنِبُواْ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلظَّنِّ إِنَّ بَعۡضَ ٱلظَّنِّ إِثۡمٞۖ وَلَا تَجَسَّسُواْ وَلَا يَغۡتَب بَّعۡضُكُم بَعۡضًاۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمۡ أَن يَأۡكُلَ لَحۡمَ أَخِيهِ مَيۡتٗا فَكَرِهۡتُمُوهُۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٞ رَّحِيمٞ

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! كېرەكلىك سەۋەب ۋە دەلىللەرگە ئاساسلانمىغان تۆھمەتلەرنىڭ كۆپىدىن يىراق تۇرۇڭلار. چۈنكى قارىماققا ياخشى بولغان بىرىنى يامان گۇمان قىلىشقا ئوخشاش بىر قىسىم گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئەيبىنى كوچىلىماڭلار. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىنى ئۇ يامان كۆرىدىغان سۈپەتلىرى بىلەن تىلغا ئالمىسۇن. چۈنكى ئۇنى ئۇ يامان كۆرىدىغان سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىش ئۇنىڭ ئۆلۈك ھالىتىدە گۆشىنى يېگەنگە ئوخشاشتۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنىڭ غەيبىتىنى قىلىشنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يامان كۆرۈڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 49

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٞ

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى بىر ئەردىن، يەنى ئاتاڭلار ئادەمدىن، بىر ئانىدىن، يەنى ئاناڭلار ھەۋۋادىن ياراتتۇق. دېمەك سىلەرنىڭ نەسىبىڭلار بىر. شۇڭا بىر - بىرىڭلارغا نەسەبتە پەخىر قىلىشماڭلار. بىز سىلەرنى ئاشۇنداق بىر ئاتىدىن يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىر - بىرىڭلارغا پەخىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى كۆپلىگەن خەلق ۋە تارقاق قەبىلىلەر قىلدۇق. چۈنكى ئۆزئارا پەرق پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، دېگەن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ مۇكەممەل ۋە كەمچىل تەرىپىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 49

۞ قَالَتِ ٱلۡأَعۡرَابُ ءَامَنَّاۖ قُل لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ وَلَٰكِن قُولُوٓاْ أَسۡلَمۡنَا وَلَمَّا يَدۡخُلِ ٱلۡإِيمَٰنُ فِي قُلُوبِكُمۡۖ وَإِن تُطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَا يَلِتۡكُم مِّنۡ أَعۡمَٰلِكُمۡ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ

بىر قىسىم تاغلىق ئەرەبلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئيېتتۇق، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار: سىلەر تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن: بىز بويسۇندۇق، باش ئەگدۇق، دەڭلار. چۈنكى قەلبىڭلارغا تېخى ئىمان كىرگىنى يوق، بۇندىن كېيىن كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەي تاغلىقلار! ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 49

إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمۡ يَرۡتَابُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كېيىن ئىمانىغا شەك ئارىلاشتۇرمىغان، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان، بۇلاردىن ھېچبىرىگە بېخىللىق قىلمىغان مۇئمىنلەرگە كەلسەك، مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىللاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 49

قُلۡ أَتُعَلِّمُونَ ٱللَّهَ بِدِينِكُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ تاغلىقلارغا: ئاللاھقا دىنىڭلارنى سىلەر ئۆگىتەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ دىنىڭلارنى سىلەرنىڭ بىلدۈرۈشۈڭلارغا موھتاج بولمايدۇ، دېگىن. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 49

يَمُنُّونَ عَلَيۡكَ أَنۡ أَسۡلَمُواْۖ قُل لَّا تَمُنُّواْ عَلَيَّ إِسۡلَٰمَكُمۖ بَلِ ٱللَّهُ يَمُنُّ عَلَيۡكُمۡ أَنۡ هَدَىٰكُمۡ لِلۡإِيمَٰنِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ تاغلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ساڭا مىننەت قىلىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ماڭا مىننەت قىلماڭلار. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسى بولىدىغان ئىش بولسا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىمانغا كىردۇق دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەسلى سىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە مىننەت قىلسا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 49

إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ

شەكسىزكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيىبلىرىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• سوء الظن بأهل الخير معصية، ويجوز الحذر من أهل الشر بسوء الظن بهم.
ياخشى كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىش گۇناھتۇر. يامانلارنى يامان گۇمان قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بولىدۇ. info

• وحدة أصل بني البشر تقتضي نبذ التفاخر بالأنساب.
ئادەمزاتنىڭ يىلتىزى بىر بولۇپ، بۇ بىرلىك نەسەبلەر بىلەن پەخىرلىنىشنى تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. info

• الإيمان ليس مجرد نطق لا يوافقه اعتقاد، بل هو اعتقاد بالجَنان، وقول باللسان، وعمل بالأركان.
ئىمان دېگەن ئېتىقادقا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ پەقەت ئېغىزدا سۆزلەپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇ قەلبتە ئېتىقاد قىلىش، تىلدا سۆزلەش ۋە بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىشتۇر. info

• هداية التوفيق بيد الله وحده وهي فضل منه سبحانه ليست حقًّا لأحد.
ھىدايەت قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ھېچكىمنىڭ ھەققى ئەمەس. info