ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
24 : 48

وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا

ھۇدەيبىيەدە سىلەرگە قول سېلىش مەقسىتىدە كەلگەن سەكسەنگە يېقىن مۇشرىكنى ئاللاھ تائالا توسۇپ قالدى، سىلەرنىمۇ ئۇلاردىن توستى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، زىيانمۇ يەتكۈزمىدىڭلار. ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ بولغىنىڭلاردىن كېيىن قويۇۋەتتىڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 48

هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَـُٔوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا

ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولدى، سىلەرنى مەسجىدى ھەرامغا كىرىشتىن توستى، قۇربانلىق ماللارنىمۇ ھەرەمگە كىرگىلى قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ماللار ھەرەمدىكى بوغۇزلىنىدىغان جايغا يېتىپ بارالماي تۇرۇپ قالدى. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللاردىن سىلەر تونۇمايدىغانلارمۇ بولۇپ، ئەگەر كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ قالساڭلار، بىلمەسلىكتىن ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ سېلىپ گۇناھكار بولۇپ قېلىش ۋە تۆلەم تۆلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرگە مەككىنى پەتھى قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بولاتتى. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مەككىدىكى مۇئمىنلەرگە ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەككىدە كاپىرلار مۇئمىنلەردىن ئېنىق ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلارنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلاتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 48

إِذۡ جَعَلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَلۡزَمَهُمۡ كَلِمَةَ ٱلتَّقۡوَىٰ وَكَانُوٓاْ أَحَقَّ بِهَا وَأَهۡلَهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەتلا ھاۋايى - ھەۋەسكە باغلانغان جاھىلىيەتنىڭ مەغرۇرلۇقىنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشتى. يەنى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەپ ھۇدەيبىيە يىلى ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىنى ئۇلارنىڭ غۇرۇرى كۆتۈرەلمىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئۆز دەرگاھىدىن خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، مۇئمىنلەرنىمۇ تەسكىن تاپقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى غەزەبلىنىش مۇشرىكلارغا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىشقا سەۋەب بولمىدى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن ھەق سۆزگە چەمبەرچەس باغلىدى ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ سۆزگە ئۆز لايىقىدا ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ سۆزگە ئەزەلدىن باشقىلارغا قارىغاندا مۇئمىنلەر بەكرەك لايىق ئىدى، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ تەلىپىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ياخشىلىقنى بىلەتتى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 48

لَّقَدۡ صَدَقَ ٱللَّهُ رَسُولَهُ ٱلرُّءۡيَا بِٱلۡحَقِّۖ لَتَدۡخُلُنَّ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمۡ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَۖ فَعَلِمَ مَا لَمۡ تَعۡلَمُواْ فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَٰلِكَ فَتۡحٗا قَرِيبًا

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ (مەككىگە كىرىپ) چۈش كۆرگەن بولۇپ، بۇ چۈشىنى ساھابىلىرىگىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ چۈشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيىگە دۈشمەنلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ھالدا كىرەتتى، ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چاچلىرىنى چۈشۈرسە، يەنە بىر قىسمى قىرقاتتى. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە پايدىلىق ئىشلاردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا سىلەر شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە مەككىگە كىرەلمىگەن بولساڭلارمۇ ئاللاھ سىلەرنى يېقىن غەلىبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. بۇ غەلىبە بولسا، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا روياپقا چىقارغان ئىشلار ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇدەيبىيەگە قاتناشقان مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 48

هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روشەن دەلىل - پاكىت ۋە ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى، ئىسلام دىنىنى ئۇنىڭغا مۇخالىپ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئۆزى گۇۋاھلىق بەردى، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى (بىزگە) يېتەرلىكتۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الصد عن سبيل الله جريمة يستحق أصحابها العذاب الأليم.
ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئېغىر جىنايەت بولۇپ، بۇنداق قىلغانلار دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. info

• تدبير الله لمصالح عباده فوق مستوى علمهم المحدود.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى پىلانلىشى ئۇلارنىڭ چەكلىك ئىلمىنىڭ ئۈستىدىدۇر. info

• التحذير من استبدال رابطة الدين بحمية النسب أو الجاهلية.
دىنى باغلىنىشنى نەسەب ياكى جاھىلىيەتنىڭ قىزىق قانلىقىغا تېگىشىش چەكلىنىدۇ. info

• ظهور دين الإسلام سُنَّة ووعد إلهي تحقق.
ئىسلام دىنىنىڭ غالىب بولۇشى بىر قانۇنىيەتتۇر، ئىلاھىي ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. info