ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
3 : 46

مَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَمَّآ أُنذِرُواْ مُعۡرِضُونَ

بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكارغا ياراتمىدۇق، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇر ھېكمەت يۈزىسىدىن ھەق بىلەن ياراتتۇق. مەسىلەن، ئۇ ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، بەندىلەر مۇشۇ ئارقىلىق رەببىنى تونۇپ، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكىدۇر. شۇنداقلا بەندىلەرنىڭ پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مۇئەييەن ۋاقىتقىچە يەر يۈزىدىكى خەلىپىلىكىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الاستهزاء بآيات الله كفر.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر. info

• خطر الاغترار بلذات الدنيا وشهواتها.
دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىگە ئالدىنىش خەتەرلىكتۇر. info

• ثبوت صفة الكبرياء لله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەلكىبرىيا سۈپىتى سابىتتۇر. info

• إجابة الدعاء من أظهر أدلة وجود الله سبحانه وتعالى واستحقاقه العبادة.
دۇئا - تىلەكلەرنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info