ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
20 : 45

هَٰذَا بَصَٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتنى باتىلدىن پەرقلەندۈرۈشىگە ۋاسىتە بولىدىغان دەلىل - پاكىتلاردۇر، ھەقىقەتكە باشلىغۇچىدۇر، چىن پۈتىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يىتەكلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يىراق قىلىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• العفو والتجاوز عن الظالم إذا لم يُظهر الفساد في الأرض، ويَعْتَدِ على حدود الله؛ خلق فاضل أمر الله به المؤمنين إن غلب على ظنهم العاقبة الحسنة.
زالىم يەر يۈزىدە ئوچۇق - ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەنلا بولسا، شۇنداقلا ياخشىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولسا ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆتۈۋېتىش ئاللاھ مۇئمىنلەرنى بۇيرۇغان ئېسىل پەزىلەتتۇر. info

• وجوب اتباع الشرع والبعد عن اتباع أهواء البشر.
شەرىئەت بويىچە ئىش قىلىش، ئىنسانلارنىڭ خاھىشلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىبتۇر. info

• كما لا يستوي المؤمنون والكافرون في الصفات، فلا يستوون في الجزاء.
مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار خىسلەتلەردە باراۋەر بولمىغىنىدەك جازا - مۇكاپاتتىمۇ باراۋەر بولمايدۇ. info

• خلق الله السماوات والأرض وفق حكمة بالغة يجهلها الماديون الملحدون.
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى چوڭقۇر ھېكمەتكە ئاساسەن ياراتقان بولۇپ، خۇداسىز ماتېرىيالىستلار بۇنى ئۇقالمايدۇ. info