ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
22 : 39

أَفَمَن شَرَحَ ٱللَّهُ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٖ مِّن رَّبِّهِۦۚ فَوَيۡلٞ لِّلۡقَٰسِيَةِ قُلُوبُهُم مِّن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ

ئاللاھ تائالا قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىپ ھەق يولغا يېتەكلىگەن، شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن پاراسەت ئۈستىدە بولغان كىشىگە، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈپ قەلبى قېتىپ كەتكەن ئادەم ئوخشامدۇ؟ بۇلار ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى نىجاتلىق ھىدايەت تاپقانلارغا، زىيانكارلىق بولسا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈپ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە مەنسۇپتۇر. ئەنە شۇلار ھەقتىن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغانلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 39

ٱللَّهُ نَزَّلَ أَحۡسَنَ ٱلۡحَدِيثِ كِتَٰبٗا مُّتَشَٰبِهٗا مَّثَانِيَ تَقۡشَعِرُّ مِنۡهُ جُلُودُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُمۡ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمۡ وَقُلُوبُهُمۡ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٍ

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇنى چىنلىقى، گۈزەللىكى، بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى، زىت بولماسلىقى جەھەتلەردە بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئۇنىڭدا قىسسە ۋە ئەھكاملار، ۋەدە ۋە تەھدىتلەر، ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ ۋە ناھەقچىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار بار. پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى قورقۇنچلۇق تەھدىتلەردىن تېرىلىرى شۈركىنىپ كەتسە، ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ئۈمىد ۋە خۇش بېشارەتلەردىن تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشاپ كېتىدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بۇ بايانلار ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئاللاھ بۇ ئارقىلىق خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا كىمنى خار قىلىپ، ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 39

أَفَمَن يَتَّقِي بِوَجۡهِهِۦ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَقِيلَ لِلظَّٰلِمِينَ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ

ئاللاھ تائالا ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگۈزگەن ئادەم بىلەن، كاپىر بولغان ۋە كۇپرىسى ئۈستىدە جان ئۈزۈپ، ئاللاھ ئۇنى قول - پۇتلىرى باغلانغان ھالدا دوزاخقا تاشلىغان، دوزاخنىڭ ئوتىدىن ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان، پەقەت ئۇنىڭغا يۈزىچە دۈم تاشلىنىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟. كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارغا كايىش تەرزىدە: ئۆزۈڭلار قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنىڭ تەمىنى تېتىڭلار، سىلەرنىڭ جازايىڭلار مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 39

كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ

بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئىنكار قىلغان، ئاندىن ئۇلارغىمۇ ئالدىن ھېس قىلىپ، تەۋبە قىلىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئۇشتۇمتۇت ئازاب كەلگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 39

فَأَذَاقَهُمُ ٱللَّهُ ٱلۡخِزۡيَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خار قىلغۇچى ۋە رەسۋا قىلغۇچى ئاشۇ ئازابنى تېتىتتى، ئەگەر ئۇلار بىلسە، شەكسىزكى ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازاب ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كۆپ قاتتىق ۋە ئېغىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 39

وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

شەكسىزكى بىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ، ھەق ۋە باتىلنىڭ، ئىمان ۋە كۇپرىنىڭ، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن ھادىسىلەرنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى بايان قىلىدۇق. بۇنداق قىلىشىمىز ئىنسانلارنىڭ بىز بايان قىلغان مىساللار ئارقىلىق پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ھەق بىلەن ئەمەل قىلىپ، باتىلنى تاشلاشلىرى ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 39

قُرۡءَانًا عَرَبِيًّا غَيۡرَ ذِي عِوَجٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ئوقۇلىدىغان قىلدۇق، ئۇنىڭدا قىلچە ئەگرىلىك، ھەقتىن چەتنەپ كېتىش ۋە مۈجمەللىك يوق. ئۈمىدكى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
29 : 39

ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلٗا فِيهِ شُرَكَآءُ مُتَشَٰكِسُونَ وَرَجُلٗا سَلَمٗا لِّرَجُلٍ هَلۡ يَسۡتَوِيَانِ مَثَلًاۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

ئاللاھ تائالا مۇشرىك بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى كىشىگە ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان، شېرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل بىرىنى مەمنۇن قىلسا، يەنە بىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نەتىجىدە تېڭىرقاش ۋە قارارسىزلىق ئىچىدە ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە پەقەت بىر ئادەمگىلا تەۋە بولغان بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل خوجايىنىنى قانداق رازى قىلىشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم، راھەت ياشايدۇ. بۇ ئىككى قۇل ئوخشاش بولمايدۇ. جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 39

إِنَّكَ مَيِّتٞ وَإِنَّهُم مَّيِّتُونَ

ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىسەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 39

ثُمَّ إِنَّكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عِندَ رَبِّكُمۡ تَخۡتَصِمُونَ

ئەي ئىنسانلار! ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەتالاش قىلىشىدىغان نەرسە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىسىلەر. نەتىجىدە ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچى بىلەن باتىل تەرەپدارى ئاشكارا بولىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أهل الإيمان والتقوى هم الذين يخشعون لسماع القرآن، وأهل المعاصي والخذلان هم الذين لا ينتفعون به.
مۇئمىنلەر ۋە تەقۋادارلار قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىسا قورقۇنچ ئولىشىدۇ، گۇناھكارلار ۋە خارلىققا دۇچار بولىدىغان كىشىلەر بولسا قۇرئاندىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. info

• التكذيب بما جاءت به الرسل سبب نزول العذاب إما في الدنيا أو الآخرة أو فيهما معًا.
پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىش دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ۋە ياكى ھەر ئىككىلا دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• لم يترك القرآن شيئًا من أمر الدنيا والآخرة إلا بيَّنه، إما إجمالًا أو تفصيلًا، وضرب له الأمثال.
قۇرئان كەرىم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسىنى چالا قويماي، ھەممىسى ھەققىدە ئىخچام ياكى كونكرېت ھالدا توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مىساللارنى بايان قىلغان. info