ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
154 : 37

مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ

ئەي مۇشرىكلار! نېمىشقا قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلارغا خاس قىلىدىغان بۇنداق يولسىز ھۆكۈمنى چىقىرىسىلەر!؟. info
التفاسير:

external-link copy
155 : 37

أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ بۇزۇق ئېتىقادىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىلكىنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟ چۈنكى سىلەر ئويلانغان بولساڭلار، ھەرگىزمۇ بۇنداق گەپنى دېمەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
156 : 37

أَمۡ لَكُمۡ سُلۡطَٰنٞ مُّبِينٞ

ياكى سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر كىتابتىن ياكى پەيغەمبەردىن روشەن دەلىل - پاكىتىڭلار بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
157 : 37

فَأۡتُواْ بِكِتَٰبِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەگەر سىلەر مۇشۇ بىلجىرلاشلىرىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىڭلارغا سەۋەب بولغان پاكىت بار كىتابىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
158 : 37

وَجَعَلُواْ بَيۡنَهُۥ وَبَيۡنَ ٱلۡجِنَّةِ نَسَبٗاۚ وَلَقَدۡ عَلِمَتِ ٱلۡجِنَّةُ إِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ

مۇشرىكلار ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيدىغان پەرىشتىلەر ئارىسىدا بىر نەسەب مۇناسىۋىتى بار دېيىشتى. چۈنكى ئۇلار پەرىشىتلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ بىلجىرلاشتى. ھالبۇكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ چوقۇم مۇشرىكلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
159 : 37

سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك بالىسى بولۇش، شېرىكى بولۇش دېگەندەك نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. info
التفاسير:

external-link copy
160 : 37

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى ئاللاھنى پەقەت ئۇنىڭ زاتىغا ماس كېلىدىغان ئۇلۇغلۇق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى بىلانلا سۈپەتلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
161 : 37

فَإِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ

ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەق دىندىن ھېچكىمنى ئازدۇرۇۋېتەلمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
162 : 37

مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ بِفَٰتِنِينَ

ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەق دىندىن ھېچكىمنى ئازدۇرۇۋېتەلمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
163 : 37

إِلَّا مَنۡ هُوَ صَالِ ٱلۡجَحِيمِ

لېكىن ئاللاھ دوزىخىي بولۇشىنى پۈتۈۋەتكەن كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ - دە، ئۇلار كاپىر بولۇپ، دوزاخقا كىرىدۇ. بىراق سىلەر ۋە سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا قىلچە سالاھىيىتىڭلار توشمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
164 : 37

وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٞ مَّعۡلُومٞ

پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقلىرىنى ھەمدە مۇشرىكلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىدىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشىپ: بىزدىن ھەر بىرىمىزنىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىشتا مۇئەييەن ئورنى بار. info
التفاسير:

external-link copy
165 : 37

وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلصَّآفُّونَ

شەكسىزكى بىز پەرىشتىلەر ئاللاھقا قۇلچىقلىق قىلىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز. شەكسىزكى بىز ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
166 : 37

وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡمُسَبِّحُونَ

شەكسىزكى بىز پەرىشتىلەر ئاللاھقا قۇلچىقلىق قىلىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز. شەكسىزكى بىز ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
167 : 37

وَإِن كَانُواْ لَيَقُولُونَ

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن: كاشكى بىزنىڭمۇ تەۋراتقا ئوخشاش ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر كىتابىمىز بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس ئىبادەت قىلغان بولاتتۇق، دېيىشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى دەرۋەقە ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلسە ئۇلار ئۇنىڭغا كاپىر بولۇشتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان قاتتىق ئازابنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
168 : 37

لَوۡ أَنَّ عِندَنَا ذِكۡرٗا مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن: كاشكى بىزنىڭمۇ تەۋراتقا ئوخشاش ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر كىتابىمىز بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس ئىبادەت قىلغان بولاتتۇق، دېيىشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى دەرۋەقە ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلسە ئۇلار ئۇنىڭغا كاپىر بولۇشتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان قاتتىق ئازابنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
169 : 37

لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

170 : 37

فَكَفَرُواْ بِهِۦۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

171 : 37

وَلَقَدۡ سَبَقَتۡ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلۡمُرۡسَلِينَ

پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ روشەن پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى بىلەن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ئەسكەرلىرىمىزگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىمىز ئىلگىرىلا دېيىلىپ بولغان. info
التفاسير:

external-link copy
172 : 37

إِنَّهُمۡ لَهُمُ ٱلۡمَنصُورُونَ

پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ روشەن پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى بىلەن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ئەسكەرلىرىمىزگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىمىز ئىلگىرىلا دېيىلىپ بولغان. info
التفاسير:

external-link copy
173 : 37

وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ

پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ روشەن پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى بىلەن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ئەسكەرلىرىمىزگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىمىز ئىلگىرىلا دېيىلىپ بولغان. info
التفاسير:

external-link copy
174 : 37

فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ تەرسا مۇشرىكلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئازاب كېلىدىغان ۋاقىتنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
175 : 37

وَأَبۡصِرۡهُمۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ

ئۇلارغا ئازاب كېلىدىغان ۋاقىتقىچىلىك ئۇلارنى كۈتكىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە چۈشىنىش ئەسقاتمايدىغان ۋاقىتتا چۈشىنىپ يېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
176 : 37

أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ

بۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
177 : 37

فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمۡ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلۡمُنذَرِينَ

ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن سەباھ، ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان ئەتتىگەن! info
التفاسير:

external-link copy
178 : 37

وَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
179 : 37

وَأَبۡصِرۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ

سەنمۇ كۈتكىن، ئۇلارمۇ كۈتسۇن، ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە جازاسى قانداق بولىدىكىن قېنى؟ info
التفاسير:

external-link copy
180 : 37

سُبۡحَٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلۡعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئەي مۇھەممەد! كۈچ - قۇۋۋەت ئىگىسى بولغان رەببىڭنى مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن كەمچىلىكلەردىن پاك ۋە مۇقەددەس دەپ بىلگىن. info
التفاسير:

external-link copy
181 : 37

وَسَلَٰمٌ عَلَى ٱلۡمُرۡسَلِينَ

بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەدھىيەسى بولسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
182 : 37

وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

پۈتۈن مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇ مەدھىيەگە لايىقتۇر، ئۇ جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا رەب يوقتۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• سُنَّة الله نصر المرسلين وورثتهم بالحجة والغلبة، وفي الآيات بشارة عظيمة؛ لمن اتصف بأنه من جند الله، أنه غالب منصور.
ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى پەيغەمبەرلەرنىڭ زەپەر قۇچىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ دەلىل - پاكىت ۋە غەلىبىگە ئىگە بولىدىغانلىقى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ قوشۇنى دەپ سۈپەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە كاتتا بېشارەت بار. info

• في الآيات دليل على بيان عجز المشركين وعجز آلهتهم عن إضلال أحد، وبشارة لعباد الله المخلصين بأن الله بقدرته ينجيهم من إضلال الضالين المضلين.
بۇ ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بىرەر كىشىنى ئازدۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان دەلىل - پاكىتلار بار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىگە ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۇلارنى ئازغۇنلارنىڭ ۋە ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشبېشارەت بار. info