ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
65 : 36

ٱلۡيَوۡمَ نَخۡتِمُ عَلَىٰٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَتُكَلِّمُنَآ أَيۡدِيهِمۡ وَتَشۡهَدُ أَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

بىز بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىلىرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلالمايدىغان گاچىلارغا ئايلىنىدۇ. بىزگە ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئېيتىپ بېرىدۇ، پۇتلىرى ئۇلار ئىشلىگەن گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە ماڭغان يامان يوللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• في يوم القيامة يتجلى لأهل الإيمان من رحمة ربهم ما لا يخطر على بالهم.
قىيامەت كۈنىدە ئىمان ئەھلىگە پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ خىيالىغا كېرىپ باقمىغان ئىشلار نامايەن بولىدۇ. info

• أهل الجنة مسرورون بكل ما تهواه النفوس وتلذه العيون ويتمناه المتمنون.
جەننەت ئەھلى كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر ھۇزۇرلىنىدىغان، ھەر كىم ئارزۇ قىلىدىغان بارچە نېئمەتلەر بىلەن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. info

• ذو القلب هو الذي يزكو بالقرآن، ويزداد من العلم منه والعمل.
قەلبى ئويغاق كىشى قۇرئان بىلەن پاكلىنىدۇ، ئۇ ئارقىلىق ئىلمىنى ۋە ئەمىلىنى كۆپەيتىدۇ. info

• أعضاء الإنسان تشهد عليه يوم القيامة.
ئىنساننىڭ ئەزالىرى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. info