ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
41 : 36

وَءَايَةٞ لَّهُمۡ أَنَّا حَمَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ

شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە بەندىلىرىگە نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى شۇكى، نۇھنىڭ زامانىدا تۇپان بالاسىدىن ئامان قالغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توشقۇزۇلغان كېمىگە چىقارغانلىقىمىزدۇر. ئۇ كېمىگە ھەر تۈر مەخلۇقتىن بىر جۈپتىن ئېلىنغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 36

وَخَلَقۡنَا لَهُم مِّن مِّثۡلِهِۦ مَا يَرۡكَبُونَ

ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە بەندىلىرىگە نېئمەتلەر ئاتا قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى، ئۇلار ئۈچۈن نۇھنىڭ كېمىسىگە ئوخشاش قاتناش قوراللىرىنى پەيدا قىلىپ بەرگەنلىكىمىزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 36

وَإِن نَّشَأۡ نُغۡرِقۡهُمۡ فَلَا صَرِيخَ لَهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنقَذُونَ

ناۋادا بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىشنى خالىغان بولساق ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان نىجاتكار بولمايتتى. مۇبادا ئۇلار بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز ۋە ھۆكمىمىز بىلەن غەرق قىلىنغان بولسا، ئۇلارنى ھېچكىم قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 36

إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ

لېكىن بىز غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەلۇم مۇددەت دۇنيادىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلىمىز، ئۇلار بېكىتىلگەن چەكتىن ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىمان ئېيتىۋالغاي. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 36

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّقُواْ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيكُمۡ وَمَا خَلۡفَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ

ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ مۇشرىكلارغا: ئالدىڭلاردا كېلىدىغان ئاخىرەتتىن ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىرىدىن بولۇڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەرھەمىتىگە ئېلىپ، ياخشىلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۆتكۈنچى دۇنيادىن پەخەس بولۇڭلار دېيىلسە، ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 36

وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ

بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى ۋە ئۇنىڭلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرى كەلسە، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 36

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنُطۡعِمُ مَن لَّوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ أَطۡعَمَهُۥٓ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

بۇ تەرسالارغا: ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاجىز كەمبەغەللەرگىمۇ بېرىڭلار دېيىلسە، ئۇلار ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە قوپاللىق بىلەن رەددىيە قايتۇرۇپ: ئاللاھ خالىسا تاماق بېرىدىغان كىشىلەرگە بىز تاماق بېرىمىزمۇ؟ بىز ئاللاھنىڭ خاھىشىغا خىلاپ ئىش قىلمايمىز. ئەي مۇئمىنلەر، سىلەر ئوپئوچۇق خاتالىق ئىچىدە ۋە ھەقىقەتتىن يىراق سىلەر، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 36

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلار قايتا تىرىلىشنى يالغانغا چىقىرىپ ۋە ئۇنى يىراق ساناپ: ئەي مۇئمىنلەر، بۇ قايتا تىرىلىش قاچان بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار قېنى دەپ بېقىڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 36

مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ تَأۡخُذُهُمۡ وَهُمۡ يَخِصِّمُونَ

قايتا تىرىلىشنى يىراق سانايدىغان بۇ ئىنكارچىلار پەقەت سۈر پۈۋلەنگەن چاغدىكى بىرىنچى پۈۋلىنىشنى كۈتىدۇ. ئاندىن ئۇلار سودا - سېتىق، دېھقانچىلىق، پادىچىلىق ۋە باشقا دۇنيا مەشغۇلاتلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ تۇرغاندا بۇ ئاۋاز ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 36

فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ تَوۡصِيَةٗ وَلَآ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ يَرۡجِعُونَ

ئۇلارغا بۇ ئاۋاز ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە ئۇلار ئۆز-ئارا ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ، ئۇلار ھەتتا تۇرالغۇلىرىغا ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار مۇشۇنداق مەشغۇلاتلىرى بىلەن تۇرغان يېرىدىلا جان ئۈزىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 36

وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يَنسِلُونَ

قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلەنگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا ھېساب بېرىش ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئالدىراپ بارىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 36

قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرۡقَدِنَاۜۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَصَدَقَ ٱلۡمُرۡسَلُونَ

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلار پۇشايمان قىلىپ: ۋاي ئىسىت! بىزنى قەبرىلىرىمىزدىن كىم چىقاردى؟ دېيىشىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللىرىغا: بۇ ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىشتۇر، بۇ ئىش چوقۇم يۈز بېرەتتى. پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارىدىن يەتكۈزگەن ئىشلاردا راست ئېيتقان ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 36

إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ

قەبرىلەردىن تىرىلىپ چىقىش ئىشى ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلىنىشتىن كېيىنلا بولىدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ھۇزۇرىمىزغا ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ كېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 36

فَٱلۡيَوۡمَ لَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗا وَلَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇ كۈندە ھۆكۈم ئادالەت بىلەن بولىدۇ. ئەي بەندىلەر! سىلەر خاتالىقلىرىڭلار كۆپەيتىلىش ياكى ياخشىلىقلىرىڭلار كېمەيتىلىش بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر. شەكسىزكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازا - مۇكاپاتىغا تولۇق ئېرىشىسىلەر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• من أساليب تربية الله لعباده أنه جعل بين أيديهم الآيات التي يستدلون بها على ما ينفعهم في دينهم ودنياهم.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ دىنى ۋە دۇنياسىغا مەنپەئەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى ئۇلارغا سۇنۇشى، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە تەلىم بېرىش ئۇسلۇبلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الله تعالى مكَّن العباد، وأعطاهم من القوة ما يقدرون به على فعل الأمر واجتناب النهي، فإذا تركوا ما أمروا به، كان ذلك اختيارًا منهم.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قۇدرەت ئاتا قىلىپ، بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىدىن يىراق تۇرالىغۇدەك كۈچ - قۇۋۋەت بەردى. info