ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
31 : 33

۞ وَمَن يَقۡنُتۡ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا نُّؤۡتِهَآ أَجۡرَهَا مَرَّتَيۡنِ وَأَعۡتَدۡنَا لَهَا رِزۡقٗا كَرِيمٗا

سىلەردىن كىمكى داۋاملىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا باشقا ئاياللار ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بېرىمىز. بىز ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپات تەييارلىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 33

يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ لَسۡتُنَّ كَأَحَدٖ مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِنِ ٱتَّقَيۡتُنَّۚ فَلَا تَخۡضَعۡنَ بِٱلۡقَوۡلِ فَيَطۡمَعَ ٱلَّذِي فِي قَلۡبِهِۦ مَرَضٞ وَقُلۡنَ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا

ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر پەزىلەت ۋە ھۆرمەتتە باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر، بەلكى سىلەر ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يانساڭلار، پەزىلەت ۋە شەرەپتە باشقا ئاياللار ئېرىشەلمەيدىغان مەرتىۋىدىسىلەر. شۇڭا يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، بولمىسا شۇ سەۋەبلىك ئىستىلى بۇزۇق، ھارامغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر تەمەدە بوپقالىدۇ. كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى ئەمەس، زۆرۈر بولغان، گۇماندىن يىراق سۆزلەرنى قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 33

وَقَرۡنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجۡنَ تَبَرُّجَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ ٱلۡأُولَىٰۖ وَأَقِمۡنَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتِينَ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِعۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُذۡهِبَ عَنكُمُ ٱلرِّجۡسَ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِ وَيُطَهِّرَكُمۡ تَطۡهِيرٗا

ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، زۆرۈرىيەتسىز ئۆيدىن چىقماڭلار، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىنىپ سىرتقا چىقماڭلار. ئۇلار (يات) ئەرلەرنى ئۆزلىرىگە قارىتىش ئۈچۈن ياسىنىپ چىقاتتى. نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، پۇل - مېلىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن پەقەت ئەزىيەت ۋە يامانلىقنى يوق قىلىپ، سىلەرنى ئېسىل ئەخلاقلارغا ئىگە قىلىش، ناچار قىلمىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھېچقانداق گۇناھىڭلار قالمىغانغا قەدەر تامامەن پاكلاشنى خالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 33

وَٱذۡكُرۡنَ مَا يُتۡلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱلۡحِكۡمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا

ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ پاك سۈننىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ سىلەرگە تولىمۇ مېھرىباندۇركى، ئۇ سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇ سىلەردىن خەۋەرداردۇركى، سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئاياللىرى بولۇشقا تاللىدى، سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئۈممىتىدىن بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 33

إِنَّ ٱلۡمُسۡلِمِينَ وَٱلۡمُسۡلِمَٰتِ وَٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ وَٱلۡقَٰنِتِينَ وَٱلۡقَٰنِتَٰتِ وَٱلصَّٰدِقِينَ وَٱلصَّٰدِقَٰتِ وَٱلصَّٰبِرِينَ وَٱلصَّٰبِرَٰتِ وَٱلۡخَٰشِعِينَ وَٱلۡخَٰشِعَٰتِ وَٱلۡمُتَصَدِّقِينَ وَٱلۡمُتَصَدِّقَٰتِ وَٱلصَّٰٓئِمِينَ وَٱلصَّٰٓئِمَٰتِ وَٱلۡحَٰفِظِينَ فُرُوجَهُمۡ وَٱلۡحَٰفِظَٰتِ وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمٗا

شەكسىزكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بويسۇنغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئىشەنگۈچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئىمانىدا ۋە سۆزلىرىدە راستچىل ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئىتائەتمەنلىكتە چىڭ تۇرغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغۇچى، بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، ماللىرىنى پەرز ۋە نەپلە يوللارغا سەدىقە قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، پەرز ۋە نەپلە روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئەۋرەتلىرىنى قارىسا بولمايدىغانلارنىڭ ئالدىدا يېپىش ۋە زىنا - پاھىشىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلىرىدە دىللىرى ۋە تىللىرىدا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت ۋە قىيامەت كۈنى جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋابنى تەييارلىدى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• من توجيهات القرآن للمرأة المسلمة: النهي عن الخضوع بالقول، والأمر بالمكث في البيوت إلا لحاجة، والنهي عن التبرج.
نازلىنىپ گەپ قىلىشتىن چەكلەش، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇش، چاكىنا ياسىنىشتىن چەكلەش قۇرئاننىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا بولغان كۆرسەتمىلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• فضل أهل بيت رسول الله صلى الله عليه وسلم، وأزواجُه من أهل بيته.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى پەزىلەتلىك ئائىلە بولۇپ، ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىندۇر. info

• مبدأ التساوي بين الرجال والنساء قائم في العمل والجزاء إلا ما استثناه الشرع لكل منهما.
ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپى قىلغانغا يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە نامايان بولىدۇ. لېكىن شەرىئەت ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيار بۇنىڭ سىرتىدا. info