ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
42 : 30

قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلُۚ كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّشۡرِكِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىك ئىدى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىندى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 30

فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ ٱلۡقَيِّمِ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۖ يَوۡمَئِذٖ يَصَّدَّعُونَ

ئەي پەيغەمبەر! كەلگەن چاغدا قايتۇرغىلى بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا دىن ئىسلامغا يۈزلەنگىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر بۆلۈكى جەننەتتە نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر بۆلۈكى دوزاختا ئازابلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 30

مَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِأَنفُسِهِمۡ يَمۡهَدُونَ

كىمكى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنى تەييارلىغان بولىدۇ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 30

لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ

بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى چوقۇم ئازابلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 30

وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن يُرۡسِلَ ٱلرِّيَاحَ مُبَشِّرَٰتٖ وَلِيُذِيقَكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَلِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

ئەي ئىنسانلار! يامغۇردىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان مولچىلىق ۋە باياشاتلىق بىلەن سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئەمرى بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، دېڭىزدا تىجارەت قىلىش ئارقىلىق مەرھەمىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يېقىندا يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بېرىدىغان شاماللارنى ئەۋەتكەنلىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ نېئمەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 30

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱنتَقَمۡنَا مِنَ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيۡنَا نَصۡرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدى. ئاندىن بىز يامان ئەمەل قىلغانلارنى جازالاپ، ئازابىمىز بىلەن ھالاك قىلدۇق، پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 30

ٱللَّهُ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَيَبۡسُطُهُۥ فِي ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ يَشَآءُ وَيَجۡعَلُهُۥ كِسَفٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ

ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغاپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا ئاللاھ خالىغان مىقداردا تارقىتىدۇ ۋە ئۇنى پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئى كۆزەتكۈچى! ئاندىن يامغۇرنىڭ بۇلۇت ئارىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ناۋادا ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق رەھمەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن زېمىندا ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 30

وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلِ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡهِم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمُبۡلِسِينَ

ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە يامغۇر يېغىشىدىن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 30

فَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ ءَاثَٰرِ رَحۡمَتِ ٱللَّهِ كَيۡفَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ ياغدۇرغان يامغۇرنىڭ تەسىرىگە قارىغىنكى، زېمىن قۇرۇپ، قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى قانداق جانلاندۇرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، قۇرۇپ كەتكەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرگۈچىدۇر. دەرۋەقە ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• إرسال الرياح، وإنزال المطر، وجريان السفن في البحر: نِعَم تستدعي أن نشكر الله عليها.
،شاماللارنى ئەۋەتىش، يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئاللاھقا شۈكرى قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىدىغان نېئمەتلەردۇر. info

• إهلاك المجرمين ونصر المؤمنين سُنَّة إلهية.
گۇناھكارلارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• إنبات الأرض بعد جفافها دليل على البعث.
قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دەلىلدۇر. info