ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
36 : 28

فَلَمَّا جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا بَيِّنَٰتٖ قَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّفۡتَرٗى وَمَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِيٓ ءَابَآئِنَا ٱلۡأَوَّلِينَ

مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار: بۇ پەقەت مۇسا ئويدۇرۇپ چىققان يالغاندۇر، بىز ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 28

وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَن جَآءَ بِٱلۡهُدَىٰ مِنۡ عِندِهِۦ وَمَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

مۇسا پىرئەۋنگە: پەرۋەردىگارىم ئۆز دەرگاھىدىن كىمنىڭ توغرا يول ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئاخىرەتتە ماختاشقا سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 28

وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ مَا عَلِمۡتُ لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرِي فَأَوۡقِدۡ لِي يَٰهَٰمَٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجۡعَل لِّي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ

پىرئەۋن قەۋمىنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە: ئەي كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ ئۇنى بىلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ ئۆزىنى ئاللاھ تەرەپتىن ماڭا ۋە قەۋمىمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغانلىقىدا يالغانچى دەپ ئويلايمەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 28

وَٱسۡتَكۡبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ إِلَيۡنَا لَا يُرۡجَعُونَ

پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ، مىسىردا ناھەق چوڭچىلىق قىلدى، قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى، ئۆزلىرىنى قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 28

فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ

بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى جازالاپ، دېڭىزغا تاشلىدۇق، نەتىجىدە ئۇلار تەلتۆكۈس ھالاك بولدى. ئەي پەيغەمبەر! زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەزەلدىن ھالاكەت بولۇپ كەلدى. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 28

وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ

ئۇلارنى بىز دوزاخقا چاقىرىدىغان تەكەببۇر، ئازغۇنلارنىڭ ئاتامانى قىلدۇق، چۈنكى ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇققا تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ئۆزلىرى يولغا قويغان ھەر بىر يامان يول ھەمدە چاقىرغان ھەر بىر ئازغۇنلۇق ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان يامان ئەمەلنىڭ گۇناھى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇ يامانلىقنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىمۇ قوشۇپ يېزىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 28

وَأَتۡبَعۡنَٰهُمۡ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلۡمَقۡبُوحِينَ

بىز ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادىلا خار ۋە لەنەتكەردە قىلدۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىپ، ئەيىبكە دۇچار بولغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 28

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِ مَآ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ ٱلۡأُولَىٰ بَصَآئِرَ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەندىن كېيىن مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرى ئىنكار قىلغاندا بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق. تەۋراتتا ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغاننى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشىغا، زىيانلىق بولغاننى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى تاشلىشىغا ياردىمى بولىدىغان، ئۇلارنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتلەر بار. ئۇنىڭدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرى بولغان رەھمەتتۇر. ئۈمىدكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ، ئىمان ئېيتقاي. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• رَدُّ الحق بالشبه الواهية شأن أهل الطغيان.
ئاجىز گۇمان بىلەن ھەقىقەتنى رەت قىلىش تەكەببۇرلارنىڭ ئىشىدۇر. info

• التكبر مانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن توسۇپ قالىدۇ. info

• سوء نهاية المتكبرين من سنن رب العالمين.
تەكەببۇرلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• للباطل أئمته ودعاته وصوره ومظاهره.
ئاساسسىز ساختىلىقنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق يولباشچىلىرى، تەشۋىقاتچىلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە شەكىللىرى بار. info