ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
11 : 17

وَيَدۡعُ ٱلۡإِنسَٰنُ بِٱلشَّرِّ دُعَآءَهُۥ بِٱلۡخَيۡرِۖ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ عَجُولٗا

ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئاچچىقى كەلگەندە نادانلىقىدىن ئۆزىگە، بالا - چاقىلىرىغا ۋە مال - مۈلكىگە يامانلىق تىلەپمۇ دۇئا قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بەددۇئاسىنى ئىجابەت قىلساق ئۇنىڭ ئۆزى، مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى تامامەن تۈگىشىدۇ. ئىنسان ئالدىراڭغۇ تەبىئەتلىك بولغاچقا بەزىدە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراقسانلىق قىلىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• من اهتدى بهدي القرآن كان أكمل الناس وأقومهم وأهداهم في جميع أموره.
قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن توغرا يول تاپقان كىشى بارلىق ئىشلىرىدا ئەڭ توغرا يول تۇتقان، مۇكەممەل ئىنسان بولىدۇ info

• التحذير من الدعوة على النفس والأولاد بالشر.
ئۆزىگە ۋە ئەۋلادلىرىغا بەددۇئا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. info

• اختلاف الليل والنهار بالزيادة والنقص وتعاقبهما، وضوء النهار وظلمة الليل، كل ذلك دليل على وحدانية الله ووجوده وكمال علمه وقدرته.
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشتا پەرقلىق بولۇشى ھەمدە نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، كۈندۈزنىڭ يورۇق، كېچىنىڭ قاراڭغۇ بولۇشى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ، شۇنداقلا ئىلمى ۋە قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• تقرر الآيات مبدأ المسؤولية الشخصية، عدلًا من الله ورحمة بعباده.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە بەندىلىرىگە بولغان مېھىر - شەپقىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. info