ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

كەۋسەر

គោល​បំណងនៃជំពូក:
بيان منّة الله على نبيه صلى الله عليه وسلم بالخير الكثير؛ والدفاع عنه.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياخشىلىق قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
1 : 108

إِنَّآ أَعۡطَيۡنَٰكَ ٱلۡكَوۡثَرَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. جەننەتتىكى كەۋسەرمۇ شۇ ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أهمية الأمن في الإسلام.
ئىسلامدا خاتىرجەملىك ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• الرياء أحد أمراض القلوب، وهو يبطل العمل.
رىياكارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. info

• مقابلة النعم بالشكر يزيدها.
نېئمەتلەرگە شۈكرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش نېئمەتنى كۆپەيتىدۇ. info

• كرامة النبي صلى الله عليه وسلم على ربه وحفظه له وتشريفه له في الدنيا والآخرة.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا سۆيۈملۈك بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوغدايدۇ ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. info